باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
دېڭىز بوغۇزى ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى جەمئىيىتى 2–نۆۋەتلىك مۇدىرىيىتىنىڭ 1– يىغىنى ئېچىلدى
2008- 06- 04 11:59 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

  

جياچىڭلىن ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى

    دېڭىز بوغۇزى ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى جەمئىيىتى 2–نۆۋەتلىك مۇدىرىيىتىنىڭ 1– يىغىنى 3 – ئىيۇن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. بۇ قېتىمقى يىغىن تەيۋەن ۋەزىيىتىدە پائال ئۆزگىرىش بولۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا ياخشىلىنىش بولغان يېڭى ۋەزىيەتتە ئېچىلدى. يىغىن ئېچىلىشتىن ئىلگىرى، جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى جيا چىڭلىن بارلىق ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە سۆز قىلدى. جيا چىڭلىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن دېڭىز بوغۇزى ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى جەمئىيىتىنىڭ 2– نۆۋەتلىك مۇدىرىيىتى 1– يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. دېڭىز بوغۇزى ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى جەمئىيىتىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا كۆرسەتكەن ئاكتىپ رولىغا يۈكسەك باھا بەردى ۋە مۇئەييەنلەشتۈردى ھەمدە پات يېقىندا ۋۇجۇدقا چىقىدىغان دېڭىز بوغۇزى ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى جەمئىيىتى 2– نۆۋەتلىك مۇدىرىيىتىنىڭ خىزمىتىگە قىزغىنلىق بىلەن ئىلھام بەردى.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ