باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
خەلقئارا خەۋەرلەر
2008- 06- 04 11:55 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

      .ئىراننىڭ ئالىي مەنىۋىي داھىيىسى ھامىنىيى تۈنۈگۈن ئىران يادرو پىلانىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىدۇ، لېكىن يادرو قۇراللىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا قارشى تۇرىدۇ، دېدى.

     .جىبۇتىدىن كەلگەن خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، سومالى ھۆكۈمىتى بىلەن ھۆكۈمەتكە قارشى قۇراللىق تەشكىلات دۆلەت ئىچىدە خەلقئارا خەۋپسىزلىك قىسمىنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى ئۈستىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان، لېكىن كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇش ۋاقتى تېخى بېكىتىلمىگەن. جامائەتچىلىك: بۇ سومالىنىڭ مۇقىملىققا قاراپ تاشلىغان مۇھىم بىر قەدىمى، دەپ قاراشتى.

     .ۋيېتنام ئاخبارات ۋاستىلىرى تۈنۈگۈن ئوبزور ئېلان قىلىپ، ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى نۇڭ دېمىڭنىڭ جۇڭگوغا قىلغان زىيارىتىگە يۈكسەك باھا بەردى ھەمدە نۇڭ دېمېڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ۋيېتنام - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى تەرەققىيات يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈشتە ياردىمى بار، دەپ قارىدى.

     .رۇسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مىسىرنىڭ يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى ئەمىن ئابازا تۈنۈگۈن ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقىنىڭ يېمەكلىك ئەھۋالى مۇنبىرىدە، 2014 - يىلغىچە دۇنيادا يېمەكلىكلەرنىڭ باھاسى سىجىل ئۆرلەيدۇ، دېگەن.

     .ۋېنگرىيە پارلامېنتى تۈنۈگۈن قارار ماقۇللاپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ۋېنگرىيىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى پاپا شەھىرىدە ھاۋا ئارمىيىسى بازىسى قۇرۇشى ھەمدە ئالاقىدار قىسىملارنى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا رۇخسەت قىلدى.

     .ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى تېزراق ھەل قىلىش ئۈچۈن، يېقىندا، ئىران خەلقئارا ئاتۇم ئېنېرگىيىسى تەشكىلاتى بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ