باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىش نىسبىتىدە يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى
2008- 06- 04 11:45 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

    جۇڭگو تاشقى پىروۋوت سودا مەركىزىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 3 – ئىيۇن خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىش نىسبىتى ئارىلىق باھاسى 6 يۈەن 9 مو 3 پۇڭلۇق ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، 6 يۈەن 9 مو 2 پۇڭ 9.5 لىلىق باھا بىلەن يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان. بۇ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىش نىسبىتىدە بارلىققا كەلگەن 40 – يۇقىرى سەۋىيە، شۇنداق بولغاندا بۇ يىل خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىش نىسبىتىنىڭ ئۆرلەش دەرىجىسى 5.4 پىرسەنتتىن ئېشىپ كەتتى. تۈنۈگۈن، بانكىلار ئارا تاشقى پىروۋوت بازىرىدا بىر ئامېرىكا دوللىرى 6 يۈەن 9 مو 2 پۇڭ 9.5 لىغا، بىر ياۋرو 10 يۈەن 7 مو 6 پۇڭ 5 لىغا، 100 ياپونىيە يىنى 6 يۈەن 6 مو 3 پۇڭ 8 لىغا، بىر شياڭگاڭ پۇلى 8 مو 8 پۇڭ 8 لىغا، بىر ئەنگىلىيە فوند سىتىرلىڭى 13 يۈەن 6 مو 9 لىغا ئايرىۋاشلاندى. 
   

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ