باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
2008- 06- 04 11:44 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

      .ئاپتونوم رايونىمىز ئۈچ شىمالى ئىھاتە ئورمان قۇرۇلۇشى سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، بۇ يىلدىن باشلاپ ئۈچ يىلغىچە، يېڭىدىن 6 مىليون مودىن ئارتۇق كۆلەمدە ئورمان بەرپا قىلىدۇ.

     .يېقىندا ئېچىلغان ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2008 –يىللىق سۇ تىجەش تىپىدىكى شەھەر قۇرۇش سۆھبەت يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى سۇ تىجەش تىپىدىكى شەھەر قۇرۇشقا تىرىشىپ، سۇ ئىشلىتىش پىلانىنى ئىلمىي بېكىتىش، ھەر قايسى كارخانىلار مەبلەغ جۇغلاپ سۇ تىجەش تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق بىر يۈرۈش تەدبىرلەر ئارقىلىق، بۇلتۇر 53 مىليون كۇپ مېتىر سۇ تىجىگەن.

     .ئۈرۈمچى شەھەرلىك باھا نازارەتچىلىك ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، تىببىي داۋالاش كەسپىدە ساقلىنىۋاتقان قالايمىقان باھا قوشۇش، قالايمىقان ھەق ئېلىش ئەھۋاللىرىنى چەكلەش ئۈچۈن، مال باھا ئورۇنلىرى ئۈرۈمچى شەھىرى دائىرىسىدە پايدا ئېلىش خارالتىرىدىكى تىببىي داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونتىرول قىلىش مەركەزلىرىنىڭ باھا ئەھۋالىغا قارىتا نۇقتىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىكەن.

     .ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك ۋە ئىجتىمائى كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز مۇشۇ ئايدىن باشلاپ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە نۇقتىلىق كۆرسىتىلگەن تىببىي داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى مەخسۇس تۈر بويىچە تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇلاردا داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قاتارلىق بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنىڭ بار – يوقلىقىنى تەكشۈرۈدىكەن .

     .مۇشۇ ئاينىڭ 2 –كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۆي – مۈلۈك ئىدارىسى: ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھەر قايسى رايون، ناھىيىلىرىنىڭ بۇ يىل يېڭىدىن قۇرىدىغان قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆيلىرىدە مۇشۇ ئاينىڭ 15 –كۈنىدىن ئىلگىرى قۇرۇلۇش باشلاشنى، قۇرۇلۇش باشلىمىغانلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

     .سودا مىنىستىرلىكىدىن ئىگىلىنىشىچە، سۇلياۋ خالتىلارنى ھەقلىق ئىشلىتىش دائىرىسى تاللا بازارلىرى، سودا سارايلىرى ۋە قەرەللىك بازارلارغا چېتىلىدىغان بولۇپ، قولايلىق ماگىزىنلار، ئېتىبار باھا ماگىزىنلىرى، تۈرلۈك ماللار دۇكانلىرى، مەخسۇس ماللار دۇكانلىرى، مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرى، ئائىلە جاھازلىرى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى دۇكانلىرى، مال سېتىۋېلىش مەركەزلىرى قاتارلىق سورۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، يېمەك - ئىچمەك سورۇنلىرى ۋاقتىنچە سۇلياۋ خالتا ئىشلىتىشنى چەكلەش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمىگەن، ئەمما يېمەك - ئىچمەك سورۇنلىرى ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كېلىدىغان لاياقەتلىك سۇلياۋ خالتىلار بىلەن تەمىنلىشى كېرەك ئىكەن.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ