|
يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، 1– ئايدىن 4 – ئايغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆي – مۈلۈك تەرەققىيات كەسپى داۋاملىق تېز سۈرئەتتە ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلىغان، ئولتۇراق ئۆيگە مەبلەغ سېلىش يەنىلا ئاپتونوم رايونىمىزدا يەر مۈلۈككە مەبلەغ سېلىشتىكى مۇھىم نۇقتا بولغان. ئىگىلىنىشىچە، 1– ئايدىن 4 – ئايغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆي - مۈلۈك تەرەققىياتىغا سېلىنغان مەبلەغ 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن 73.2 پىرسەنت ئېشىپ، ئېشىش سۈرئېتى 32.6 پوئىنتتىن يۇقىرى بولغان؛ ئۆي – مۈلۈككە سېلىنغان مەبلەغنىڭ شەھەر، بازار مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى 8.8 پىرسەنت بولۇپ، 2.4 پوئىنت ئۆرلىگەن. ئۆي – مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش يەنىلا ئاپتونوم رايونىمىز نىڭ يەر - مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش كەسپىدىكى مۇھىم نۇقتا بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە تاۋار ئولتۇراق ئۆيلەرگە سېلىنغان مەبلەغ 1 مىليارد 844 مىليون يۈەنگەيىتىپ، 87.8 پىرسەنت ئېشىپ، ئۆي – مۈلۈك تەرەققىياتىغاسېلىنغان مەبلەغ ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى 87.7 پىرسەنت بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە 90 كىۋادىرات مېتىردىن كىچىك ئۆيلەرگە سېلىنغان مەبلەغ 834 مىليون يۈەن، ئەرزان قولايلىق ئۆيلەرگە سېلىنغان مەبلەغ 151 مىليون يۈەن بولغان.
|