باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
ساركوزىنىڭ پولشادا زىيارەتتە بولۇشى كونا ، يېڭى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتتى
2008- 06- 04 11:26 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     فرانسىيە زۇڭتۇڭى ساركوزى 5 – ئاينىڭ 28 – كۈنى پولشادا زىيارەتتە بولدى ھەمدە پولشا زۇڭتۇڭى لېچ كاسزيننسكى بىلەن پولشا – فرانسىيە ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى خىتابنامىسىنى ئىمزالىدى، ئىككى تەرەپ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە زىچ ھەمكارلىشىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى. ساركوزى ئۇچرىشىشتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پولشا فرانسىيىگە ئوخشاش ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى چوڭ دۆلەت، فرانسىيە پولشانى مۇھىم ھەمكارلاشقۇچى دەپ قارايدۇ. ئۇ يەنە 7 – ئايدا فرانسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولغاندىن باشلاپ، پولشانى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەككىز يېڭى ياۋروپا دۆلىتىگە قارىتا ئەمگەك كۈچى بازىرىنى ئېچىۋېتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.  

     ئانالىزچىلار مۇنداق دەپ قارىدى: فرانسىيە بۇ تەدبىرلەر ئارقىلىق، پولشا قاتارلىق يېڭى ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ياۋروپا ئىتتىپاقى رامكىسى ئىچىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىختىلاپلارنى تۈگىتىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پىكىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئوينىماقچى.

     ئالدى بىلەن، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئوتتۇرا ۋە شەرقىي ياۋروپادىكى دۆلەتلەر ئارقا – ئارقىدىن ياۋروپاغا قايتتى. سەل قاراشقا بولمايدىغىنى شۇكى، ‹‹شەرقىي ياۋروپا لاگېرى››نىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا سىڭىشىش جەريانى ناھايىتى مۈشكۈل، يېڭى، كونا ياۋروپا دۆلەتلىرى ئارىسىدا چوڭقۇر زىددىيەت مەۋجۇت. فرانسىيە، گېرمانىيە ۋەكىللىكىدىكى كونا ياۋروپا دۆلەتلىرى كۈچلۈك ياۋروپا ئېڭىغا ئىگە، ئۇلار ياۋروپانىڭ ئامېرىكىنىڭ قۇيرىقى بولۇپ قېلىشىنى خالىمايدۇ. ئۇلار كۈچلۈك ياۋروپا قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ، ياۋروپانى دۇنيا سەھنىسىدە تېخىمۇ مۇھىم ئورۇن ۋە تەسىرگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئىزدىنىدۇ. ئەمما پولشا قاتارلىق يېڭى ياۋروپا دۆلەتلىرى دىپلوماتىيە ۋە خەۋپسىزلىك مەسىلىسىدە دائىم دېگۈدەك ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئومۇمىي گەۋدە سىياسىتى بىلەن كارى بولماي، ئامېرىكىغا ئەگىشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، پولشا قاتارلىق دۆلەتلەر كونا ياۋروپا دۆلەتلىرى يېڭى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە سەل قارىدى دەپ قارايدۇ، شۇ سەۋەپلىك يېڭى ياۋروپا دۆلەتلىرى فرانسىيە بىلەن گېرمانىيەنىڭ بىرلەشمە رەھبەرلىك ئورنىغا جەڭ ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تېخىمۇ چوڭ پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلدى. يېڭى، كونا ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ كۆپلىگەن مەسىلىلەردىكى تالاش– تارتىشىنىڭ ئۈزۈلمەسلىكى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سىياسەتتە بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەمەلىي بۆلىنىش ھالىتىدە تۇرىشىغا سەۋەپ بولدى.

     فرانسىيە بۇ يىلنىڭ كىيىنكى يېرىمىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا، فرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى كوچنېر مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن ئېدى: ۋاقتى كەلگەندە، فرانسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئورتاق مۇداپىئە سىستېمىسى قۇرۇپ، ئاكتىپ بولغان ئورتاق دىپلوماتىيە سىياسىتىنى قوللىنىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئومۇمىي گەۋدە تەسىر كۈچىنى جارى قىلدۇرىدۇ. بۇنىڭدىن يېڭى، كونا ياۋروپا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنى تۈگىتىش، قانداق بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىش فرانسىيە دۇچ كېلىدىغان مۇھىم خىرىس ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. پولشا ئوتتۇرا ۋە شەرقى ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت، پولشانىڭ ئىراق ئۇرۇشى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاساسىي قانۇن شەرتنامىسى كىرزىسىدىكى ئىپادىسىدىن ئۇنىڭ يېڭى ياۋروپا دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى سەركە ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. ساركوزى پولشا بىلەن ئىستېراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئارقىلىق، يېڭى ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى راۋانلاشتۇرۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خەلقئارادا پىكىر بىرلىكىگە كەلتۈرۈش نىشانىغا يېتىدۇ.

     ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتتە 27 ئەزا دۆلىتى بار، نوپۇسى 500 مىليونغا يېقىنلىشىدۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشى مەيلى ‹‹گېرمانىيە – فرانسىيە ماتورى›› بولسۇن ياكى ئەنگىلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە ‹‹ئۈچ ئات قوشۇلغان ھارۋا›› بولسۇن، سىياسىينى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، ئىقتىسادنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئورتاق سىياسەت تۈزۈش جەھەتتە كۈچ يېتەرلىك ئەمەس. بۇنىڭغا قارىتا، ساركوزى فرانسىيە، گېرمانىيە، ئەنگىلىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيە ۋە پولشادىن تەركىپ تاپقان يېڭى ياۋروپا مەركىزى قۇرۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى داۋاملىق ئالغا بېسىشقا يېتەكلەشنى ئوتتۇرىغا قويدى. پولشا ‹‹يېڭى ياۋروپا دۆلەتلىرى›› ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئوتتۇرا ۋە شەرقىي ياۋروپا رايونىدىكى تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ، كونا ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىشى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشكە يېڭى ھاياتى كۈچ قوشىدۇ.

     ئۇنىڭدىن باشقا، ساركوزى يەنە ‹‹ئوتتۇرا دېڭىز ئىتتىپاقى›› قاتارلىق رايونلار مەسىلىسىدە پولشانىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى 5 – ئاينىڭ 20 – كۈنى‹‹ئوتتۇرا دېڭىز ئىتتىپاقى›› قۇرۇشقا ئائىت سىياسىي ھۆججەتنى ئېلان قىلدى، ھەمدە ئۇنى 7 – ئاينىڭ 13 – كۈنى پارىژدا ئۆتكۈزىلىدىغان يېڭى ئىتتىپاقنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك باشلىقلار ئۇچرىشىشىغا تاپشۇرۇشنى پىلانلىدى. ‹‹ئوتتۇرا دېڭىز ئىتتىپاقى›› پىلانىنىڭ چەتلىشىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكتىن، پولشا بۇ پىلانغا قارشى تۇرۇپ، شۋېتسىيە بىلەن بىرلىشىپ 5 – ئاينىڭ 26 – كۈنىدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا ‹‹شەرق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى پىلانى›› نى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ پىلاننىڭ مەقسىدى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئوكرائىنا، گروزىيە قاتارلىق شەرقتىكى قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش. ئانالىزچىلار مۇنداق دەپ قارىدى: پولشانىڭ بۇ پىلانى ياۋروپانىڭ يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا بۆلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ساركوزى بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق، ‹‹ئوتتۇرا دېڭىز ئىتتىپاقى›› پىلانىدا پولشانىڭ تېخىمۇ كۆپ قوللىشىغا ئېرىشىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلدى.

     پولشا زۇڭتۇڭى لېچ كاسزيننسكى ئۇچرىشىشتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ساركوزىنىڭ زىيارىتى پولشا – فرانسىيە مۇناسىۋىتى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئوتتۇرا ۋە شەرقىي ياۋروپادىكى چوڭ دۆلەت، يېڭى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن پولشا، ساركوزىنىڭ زىيارىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئورنىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ چوڭ پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشپ، يېڭى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

   جامائەت پىكىرى مۇنداق دەپ قارىدى: گەرچە ساركوزىنىڭ پولشانى زىيارەت قىلىشى يېڭى، كونا ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىختىلاپنى ئازايتىشقا پايدىلىق بولسىمۇ، ئەمما دېققەت قىلىش زۆرۈركى، يېڭى، كونا ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ سىڭىشىشى ئۇنداق ئاسان ئەمەس. بىر تەرەپتىن، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەت جەھەتتە بىر قەدەر زور پەرق بار. يەنە بىر تەرەپتىن تارىخى ئامىللار سەۋەپلىك يېڭى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ياۋروپادىكى ئورنى ناھايىتى سەزگۈر بولۇپ قالغان، ئۇلار باراۋەر سالاھىيەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تەسىرىنى جارى قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇ ھال مۇقەررەر ھالدا ‹‹ كونا ياۋروپا دۆلەتلىرى›› نىڭ ئورنىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. قىسقا مەزگىلدە، ئىككى تەرەپنىڭ ھەر قايسىسى ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئېلىپ بارغان تالاش – تارتىشلىرى يەنىلا داۋاملىشىدۇ، ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسى جاپالىق. بىر قانچە ئەۋلات ياۋروپالىقلار ئىنتىلگەن‹‹ بۈيۈك ياۋروپا ›› چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يەنىلا ناھايىتى تەس. 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ