باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
ئۈرۈمچى ۋوگزالى ۋە شەھەر ئىچىدىكى ھەر قايسى پويىز بېلىتى سېتىش نوقتىلىرى 6– ئاينىڭ 1– كۈنىدىن باشلاپ ئوقۇغۇچىلار بېلىتى سېتىشنى باشلىدى
2008- 06- 04 11:08 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

       تۆمۈريول مىنىستىرلىكى بېكىتكەن ‹‹ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بېرىش– كېلىش بېلىتىنى بىجىرىش چارىسى›› غا ئاساسەن، ھەر يىلى ياز پەسلىدە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېرىم باھالىق پويىز بېلىتى 6– ئاينىڭ 1–كۈنىدىن 9– ئاينىڭ 30– كۈنىگىچە سېتىلىدۇ. مۇخبىر ئۈرۈمچى جەنۇبىي پويىز ۋوگزالى بىلەت سېتىش چوڭ زالىدا پويىز بېلىتى سېتىۋېلىش ئۈچۈن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيۋاتقانلىقىنى كۆردى. جەنۇبىي پويىز ۋوگزالىدىكى خىزمەتچى خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىلگە قويۇپ بېرىلىش ۋاقتى ۋاقچىراق بولغاچقا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پويىز بېلىتى سېتىۋېلىش يۇقىرى پەللىسى ئادەتتە 6–ئاينىڭ ئاخىرىدىن 7–ئاينىڭ باشلىرىغىچە بولىدىكەن. بۇ چاغدا پويىز ۋوگزالى مەركەزلىك بىلەت سېتىش، كوللىكتىپ بىلەت زاكاس قىلىش، مەكتەپلەرگە بىلەت ئاپېرىپ بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللاردا ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلەت سېتىۋېلىشىغا قۇلايلىقلىق يارىتىپ بېرىدىكەن

( مۇھەررىر : بۇئايشەم )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ