باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
  ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرى بۇنىڭدىن كېيىن داۋالىنشتا دىققەت قىلىدىغان ئشلار  
2008- 06- 04 11:00 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

      ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرى بۇنىڭدىن كېيىن ناۋادا ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق رايوندىكى مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت ئورگانلىرىدا تۇنجى قېتىم داۋالانماي تۇرۇپلا، ئۆز ئالدىغا بەلگىلەنمىگەن دوختۇرخانىلارغا بېرىپ داۋالانماقچى بولسا، داۋالاش ھەققىنى شۇ شەخس ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ.

     يېقىندا يولغا قويۇلغان ‹‹ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر–بازار ئاھالىلىرى ئىچىدىكى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلارنى تۇنجى داۋالاش شۇنداقلا باشقا دوختۇرخانىلارغا يوللاشنى ۋاقىتلىق يولغا قويۇش چارىسى›› دا يەنە مۇنداق دەپ بەلگىلەندى: سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار ئەگەر خەتەرلىك ئەھۋاللارغا يولۇقۇپ، ئۆزلىرى تاللىغان مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت ئورگىنىغا بېرىپ داۋالانمىسا ياكى بىر دەرىجە يۇقىرى بەلگىلىگەن داۋالاش ئورگانلىرىغا بېرىپ جىددىي دىئاگنۇز قويدۇرۇپ بالنىتسىدا ياتسا، جەزمەن جىددىي داۋالىنىش رەسمىيەتلىرىنى ئېلىۋېلىشى كېرەك. بالنىتسىدا ياتقاندىن كېيىنكى بەش كۈن ئىچىدە، ئۆزلىرى تاللىغان مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت ئورگانلىرىغا بېرىپ، باشقا دوختۇرخانىلارغا يۆتكىلىش رەسمىيەتلىرىنى تولۇقلاپ بېجىرىشى كېرەك.

     ئىگىلىنىشىچە: ئۈرۈمچى شەھىرىدە نۆۋەتتە 137 مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت ئورگىنى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تۇنجى داۋالىنىشىدىكى بەلگىلىگەن داۋالاش ئورگىنى قىلىپ بېكىتىلگەن.

( مۇھەررىر : بۇئايشەم )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ