باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى
5- نۆۋەتلىك جۇڭگو -ياپونىيە پەن- تېخنىكا ئىستراتېگىيىسى ۋە سىياسىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
2008- 06- 04 10:52 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

      5 – نۆۋەتلىك جۇڭگو – ياپونىيە پەن- تېخنىكا ئىستراتېگىيىسى ۋە سىياسىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى تۈنۈگۈن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. ياپونىيە ۋە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئالاقىدار باشقۇرۇش تارمىقى، تەتقىقات ئورنى، ئۇنىۋېرسىتېت، پەن–تېخنىكا فوندى جەمئىيەتلىرىدىن كەلگەن ئىلمىي باشقۇرغۇچى مۇخەتەسسىس، ئالىملار مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى.

     جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شى ئېرۋېي ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:جۇڭگو – ياپونىيە پەن–تېخنىكا ئىستراتېگىيىسى ۋە سىياسىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ھازىرغىچە 4 نۆۋەت ئۆتكۈزۈلدى. ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا جۇڭگو– ياپونىيە ئىككى دۆلەتنىڭ پەن- تېخنىكا ئىستراتېگىيىسى نىشانىنى يولغا قويۇش، پەن–تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېما قۇرۇلۇشى، پەن–تېخنىكا ئىسلاھاتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەر ۋە ساۋاقلار بويىچە چوڭقۇر مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىپ، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ پەن-تېخنىكا ئىستراتېگىيىسى ۋە ئىسلاھات لايىھىسى تۈزۈشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

     ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جىن نو ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە يىغىنغا قاتناشقان جۇڭگو ۋە ياپونىيە مۇتەخەسسىس، ئالىملىرىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلۈشى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پەن- تېخنىكا ئىستراتېگىيىسىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ۋە پەن- تېخنىكىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىسلاھات ۋە يېڭىلىق يارىتىشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. بۇ نۆۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ كۆۋرۈكلۈك ۋە تۈگۈنلۈك رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ھەمكارلىق ساھەسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ھەمكارلىق ئۇسۇلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەمكارلىشىش ئۈنۈمىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ پەن–تېخنىكا ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

     ياپونىيە مائارىپ، مەدەنىيەت، پەن–تېخنىكا ۋازارىتىنىڭ  ئەمەلدارى لىنشىنشيۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلدى.

     ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى، ياپونىيە مائارىپ– مەدەنىيەت–پەن–تېخنىكا ۋازارىتى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان. ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، جۇڭگو–ياپونىيە ئىككى تەرەپنىڭ مۇتەخەسسىس ئالىملىرى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى تەتقىقات ئورنىنىڭ باھاسى، ياپونىيە مائارىپ، مەدەنىيەت، پەن– تېخنىكا ۋازارىتى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش باھاسى ۋە ياپونىيىنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش تەجرىبىسىنى تونۇشتۇرۇش، جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە تەرەققىيات سەۋىيىسىگە بولغان باھاسى قاتارلىق مەزمۇنلار بويىچە دوكلات بېرىلدى ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى.

     ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جىن نو  ياپونىيە تەرەپ ۋەكىلى ياپونىيە پەن– تېخنىكىنى گۈللەندۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى يۇما لاڭرېن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

 

( مۇھەررىر : بۇئايشەم )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ