|
قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قازاقىستان ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئارقىلىق تارقاتقان يۇقارقى بۇيرۇقىغا بىنائەن ، دۆلەت نېفىت بازىرىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ، قازاقىستان بۇ يىل1-سېنتەبىردىن باشلاپ بېنزىن ۋە دېزىل مېيى ئېكىسپورت قىلىشنى توختىدىغانلىقىنى جاكارلىدى . بۇ بۇيرۇق 1-ئىيۇندىن تارتىپ كۈچكە ئىگە بولىدىكەن . قازاقىستان ھۆكۈمىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار مۇناسىپ چارىلەرنى قوللىنىپ ، بۇ بۇيرۇقنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىدىكەن . خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا ، قازاقىستان 17-ماي خام نېفىت ئېكىسپورتى بېجى ئېلىشقا باشلىغاندىن بۇيان پىششىقلاپ ئىشلەنگەن نېفىتنىڭ ئېكىسپورت مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشقان . بۇنىڭ بىلەن دۆلەت ئىچى نېفىت بازىرىدا باھا ئۆرلەش ۋە مەھسۇلات قىس بولۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن . بۇ خىل ۋەزىيەتتە ، قازاقىستان ھۆكۈمىتى يۇقۇرقى بۇيرۇقنى چۈشۈرۈپ ، بېنزىن ۋە دېزىل مېيى ئېكىسپورتىنى ۋاقتىنچە توختاتماقچى بولغان .
|