باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
‹‹ ئىخلاس››لىقلارنىڭ ئىخلاسمەن كۆڭلى قاقۇللاغا يەتكەندە
2008- 06- 03 13:00 تەڭرىتاغ تورى

       ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇشۈكۈر راشىدىن ، قەمەردىللا دولقۇن خەۋىرى ، فوتوسى : 5- ئاينىڭ 29- كۈنى شىنجاڭ ‹‹ئىخلاس›› كەسپىي تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ‹‹1- ئىيۇن›› خەلقئارا بالىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزلىرى ياردەم بېرىپ كېلىۋاتقان كونىشەھەر ناھىيە ئوغۇساق يېزا قاقۇلا ‹‹ئىخلاس›› باشلانغۇچ مەكتىپىگە بېرىپ ، بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلاردىن بايراملىق ھال سوردى ۋە ئۇلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزدى.   

     سۈرەتتە: يېزا رەھبەرلىرى مەكتەپكە ۋاكالىتەن شىركەتتىكىلەرگە لەۋھە تەقدىم قىلماقتا

       ھال سوراش پائالىيىتى داۋامىدا شىنجاڭ ‹‹ئىخلاس›› كەسپىي تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ دىرېكتورى مەمەتجان ئابدۇكېرىم مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلاردىن بايراملىق ھال سوراپ، ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرى ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ھال سوراش گورۇپپا ئەزالىرىنىڭ قولىدىن بىر يۈرۈشتىن مەكتەپ فورمىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ، ئوقۇغۇچىلار ‹‹ ئىخلاس›› شىركىتىدىكىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە قىلغان مېھر - شەپقىتىگە چەكسىز رەھمىتىنى ئېيىتتى.
       قاقۇلا‹‹ ئىخلاس›› باشلانغۇچ مەكتىپى 2007–يىلى شىنجاڭ ‹‹ئىخلاس›› كەسپىي تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ ياردەم بېرىش نوقتىسى قىلىپ بېكىتىلگەندىن كېيىن ، ‹‹ئىخلاس›› شىركىتى مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ ، مەكتەپنىڭ ئەھۋالىنى ئومۇمىي يۈزلۈك ئىگىلەپ ، مەكتەپ سىنىپلىرىنىڭ كونىراپ خەتەرلىك بولۇپ قالغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ، بۇلتۇر 4- ئايدا 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سەرىپ قىلىپ ، 800 كۋادرات مېتىرلىق 10 سىنىپ ، بەش ئىشخانا ۋە مەكتەپ يەسلىسىنىڭ سىنىپ ، ياتاقلىرىنى يېڭىدىن سېلىپ بەردى . بۇ قېتىم ئۇلار يەنە 18 مىڭ يۈەن سەرىپ قىلىپ ، 180 قۇر مەكتەپ فورمىسى سېتىۋېلىپ ، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى –ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىپ بېرىپ ، شىنجاڭ ‹‹ئىخلاس›› كەسپىي تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىدىكى خىزمەتچى –خادىملارنىڭ مېھر – مۇھەببىتىنى يەتكۈزدى. ھەمدە بۇندىن كېيىن مەكتەپ بىلەن بولغان ئالاقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ ، مەكتەپنىڭ يولۇققان تۈرلۈك قېيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ بېردىغانلىقىنى بىلدۈردى.

      پائالىيەت ئاخىرىدا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى تەييارلىغان ھەر خىل سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنداپ ، شىنجاڭ ‹‹ئىخلاس›› كەسپىي تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىگە بولغان تەشەككۈرىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە بۇندىن كېيىن مۇشۇ ياخشى ئوقۇش پۇرسىتىنى قەدىرلەپ تېرشىپ ئۆگىنىپ ، شىركەتتىكىلەرنىڭ ۋە ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئۆزىدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

  

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ