باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
ئۈرۈمچى نېفىت–خىمىيە سانائىتى شىركىتىنىڭ ئاپەت رايونىغا ئىئانە قىلغان پۇلى 2 مىليون 956 مىڭ 120 يۈەنگە يەتتى
2008- 06- 03 12:13 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

 

      5–ئاينىڭ 27 – كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى نېفىت – خىمىيە سانائىتى شىركىتىدىكى 10 مىڭ ئىشچى – خىزمەتچىنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارغا ئىئانە قىلغان پۇلى 2 مىليون 956 مىڭ 120 يۈەنگە يەتتى، ئۇنىڭ ئىچىدە 4 مىڭ 700 دىن كۆپرەك پارتىيە ئەزاسىنىڭ تاپشۇرغان ئالاھىدە پارتىيە ئەزالىق بەدەل پۇلى بار بۇلۇپ،ئۇ1 مىليون 956 مىڭ 120 يۈەن ئىدى. 

     5–ئاينىڭ 12–كۈنى، سىچۈەن ئۆلكىسىدە كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بېرىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، جۇڭگو نېفىت – تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتى ‹‹نېفىتلىكتىكى مىليون ئىشچى – خىزمەتچى ئارىسىدا يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا پۇل ئىئانە قىلىپ، مېھرى – شەپقەت يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش›› چاقىرىقىنى چىقارغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى نېفىت - خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شىركىتى دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، ئىككى كۈندىلا 1 مىليون يۈەن ئىئانە پۇل يىغدى.

     ‹‹ پارتىيىنىڭ چاقىرىقىغا پائال ئاۋاز قوشىمىز››بۇ ئۈرۈمچى نېفىت – خىمىيە سانائىتى شىركىتىدىكى ھەر بىر پارتىيە ئەزاسىنىڭ چىن قەلبىدىن قىلغان قەسىمى ئىدى. ئېنېرگىيە زاۋۇدىنىڭ باشلىقى لى جيەنگو 3 مىڭ يۈەن ئالاھىدە پارتىيە ئەزالىق بەدەل پۇلى تاپشۇرغاندا، تەسىرلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل پارتىيىگە كىرگىنىمگە 30 يىل بولدى، خەلقنىڭ بىزگە ئېھتىياجى چۈشكەن ۋاقىتتا بىز پارتىيە ئەزاسىدا بولۇشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىشىمىز كېرەك. نەق مەيداندا بۇ بوۋاي كىشىلەرنىڭ دېققىتىنى تارتتى، ئۇ يېقىندا تۈگەپ كەتكەن قىزىغا ۋەكالىتەن 1 مىڭ يۈەن ئالاھىدە پارتىيە ئەزالىق بەدەل پۇلى تاپشۇردى، ئۇ قاتتىق قايغۇ ئەلەمگە چىداپ تۇرۇپ، مۇنداق دېدى: قىزىم چېن فاڭ ھايات ۋاقتىدا كومپارتىيە ئەزاسى ئىدى، ئۇ ھايات بولغان بولسا، مۇشۇنداق قىلاتتى. بوۋاينىڭ سۆزى مەيداندىكى بارلىق كىشىلەرنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى.

     يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنىڭ ئاۋىئاتسىيە كىرسىنى ۋە سۇيۇقلاندۇرۇلغان گازغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى نېفىت – خىمىيە سانائىتى شىركىتى كونا قائىدىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ماي مەھسۇلاتلىرىنى توشۇش خىزمىتىگە ئاتلىنىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. 5 – ئاينىڭ 12 –كۈنىدىن 5 – ئاينىڭ 27 – كۈنىگىچە، 3 مىڭ 600 توننا، 60 ۋاگۇن ئاۋىئاتسىيە كىرسىنى، 840 توننا 21 ۋاگۇن سۈيۈقلاندۇرۇلگەن گازنى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارغا يەتكۈزۈپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ۋاقتىدا يۆلەك بولدى.

 

( مۇھەررىر : بۇئايشەم )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ