باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
2008- 06- 03 12:11 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     .ئۈرۈمچى شەھەرلىك مال باھا نازارەتچىلىك ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مال باھا تارماقلىرى ئىش ئورنىدىن قالغانلا، ئىشسىز خادىملار، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ يەككە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارغا داۋاملىق ئىلھام بېرىش ۋە ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەمۇرى خاراكتىرلىك كەسپى ئورۇنلارنىڭ بۇ تۈردىكى كىشىلەر توپىغا قارىتىلغان ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئەھۋالى، ھەر قايسى مۇناسىۋەتلىك ھەق يىغقۇچى ئورۇنلار يىغقان تۈرلۈك ھەقنىڭ بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكى؛ ھەر قايسى ھەق يىغىش تۈرلىرىدە ھەق يىغىشنى ئاشكارىلاش تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلغان قويۇلمىغانلىقى؛ يەككە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئىش ئورنىدىن قالغانلا، ئىشسىز خادىملار ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ھەق يىغىشتا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق تەكشۈرىدىكەن. تەكشۈرۈش مۇشۇ ئاينىڭ 30 - كۈنىگىچە داۋام قىلىدىكەن.

     .بۇ يىلدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە ۋاقىت سەرپ قىلىپ، مو بېشى ساپ پايدىسى 3 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان 10 مىليون مودىن ئارتۇق كۆلەمدە كۆپ قېتىم ھوسۇل ئالغىلى بولىدىغان يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېتىز بەرپا قىلىدىكەن، ھەمدە كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمىنى 20 مىليون مودىن ئازلىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋېلاشتۇرۇش ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

     .توقۇمىچىلىق بويۇملىرى، كىيىم – كېچەك ئېكىسپورتىدا باج قايتۇرۇش نىسبىتى يەنە تۆۋەنلىمەيدۇ دېگەن خەۋەر جەزىملەشتۈرۈلگەندىن كىيىن، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كەسپ ساھەسىدىكىلەرنىڭ توقۇمىچىلىق بويۇملىرى، كىيىم - كېچەك ئېكىسپورتىدا باج قايتۇرۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش تەكلىپى گوۋۇيۈەنگە يوللانغان . ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، توقۇمىچىلىق بويۇملىرى، كىيىم - كېچەك ئېكىسپورتىدا باج قايتۇرۇش نىسبىتى 7 – ئايدا 2 پوئىنتتىن 4 پوئىنتقىچە تۆۋەنلىتىلىدىكەن.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ