|
.نىپال ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ 2 – ئىيۇن ئاشكارىلىشىچە، نىپالنىڭ سابىق پادىشاھى جاناندرا ئاساسىي قانۇن كېڭىشىنىڭ قارارىنى قوبۇل قىلىپ، مۇشۇ ئاينىڭ 12 – كۈنىدىن بۇرۇن خان ئوردىسىدىن چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
.كورىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا ئېيتىشىچە، كورىيە يادرو ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىپ توك تارقىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاز دېگەندە 9 يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنى يېڭىدىن قۇرۇشنى پىلانلىغان.
.ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى ۋە دۇنيا بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئاشلىققا بولغان ئېھتىياجىنىڭ كۈنسىرى ئېشىپ بېرىشىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى مۇشۇ ئاينىڭ 3 – كۈنىدىن 5 – كۈنىگىچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىكى تەشكىلاتىنىڭ رىمدا تۇرۇشلۇق باش شتابىدا يۇقىرى قاتلاملىقلار يىغىنى ئۆتكۈزىدىكەن، يىغىندا، ئاچارچىلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى كۈچەيتىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇش مۇھاكىمە قىلىنىدىكەن.
.پاكىستان دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2 – ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ كۈنى دانىيىنىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىغا يېقىن جايدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ئاپتوموبىل بومبا پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ھازىرغىچە ئاز دېگەندە 8 ئادەم قازا قىلغان.
. ۋيېتنام ساقچى دائىرىلىرىنىڭ 2 – ئىيۇن ئېيتىشىچە، ۋيېتنامنىڭ پىڭشۇن ئۆلكىسىدە بىر ئاپتوبوس بىلەن بىر يۈك ئاپتوموبىلى سۇقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 11 ئادەم قازا قىلغان، 18 ئادەم يارىلانغان.
.ماكېدونىيە زۇڭلىسى نىكولا گرۇۋسكى 2 – ئىيۇن ئۆزى رەھبەرلىك قىلىۋاتقان ئىچكى قىسىم ئىنقىلابىي تەشكىلاتى—مىللەتلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈش دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ1–ئىيۇن ئۆتكۈزۈلگەن ماكېدونىيە پارلامېنت سايلىمىدا غەلبە قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
.روسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، روسىيە زۇڭلىسى پۇتىن فرانسىيە‹‹ئىنسانپەرۋەرلىك گېزىتى›› مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ شەرققە كېڭىيىشىدە ياۋرۇپا قىتئەسىدە يېڭىدىن چېگرا سىزىقى سىزىش كېرەك، دېگەن.
. موڭغۇلىيە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ 2 – ئيۇن ئېيتىشىچە، موڭغۇلىيىنىڭ كۈچلۈك قار – شىغىرغان ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئاممىنى قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئاساسىي جەھەتتىن ئاخىرلاشقان بولۇپ، بۇ ئاپەتتە 52 ئادەم قازا قىلغان.
|