|
نېفىتنىڭ ئامېرىكا دىپلوماتىيە سىياسىتىدىكى مۇھىملىقىنى كۆرىۋېلىش تەس ئەمەس، ئەجەبلىنەرلىكى، بۇ نۇقتىنىڭ ئاشكارا ئېتىراپ قىلىنىشى ناھايىتى تەس. ئىراق ئۇرۇشى پارتلاشتىن ئىلگىرى، سول قاناتلار ۋە سولچىلارنىڭ: بۇ بىر مەيدان ‹‹نېفىت ئۇرۇشى›› دېگەن قارىشى ئۇرۇش مەنپەئەتدارلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.
ئەمما يېقىنقى بىر قانچە ئايدا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپىسى كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى ئالان گرېنسپان ۋە پارلامېنت ئەزاسى مەككايىن بىردەك ئىراق ئۇرۇشىنىڭ ھەقىقەتەن نېفىت بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى دەپ قويدى. ئالان گرېنسپان ئۆز ئەسلىمىسىدە: ئۆزىنىڭ ناھايىتى ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى، سىياسىي جەھەتتە ئىراق ئۇرۇشىنىڭ نېفىت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاشنىڭ بىئەپ ئىكەنلىكى، ئەمەلىيەتتە ئىراق ئۇرۇشىنىڭ ئاساسلىقى نېفىت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، بۇ يىل جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىگە ۋاكالىتەن زۇڭتۇڭ سايلىمى رىقابىتىگە قاتناشقان مەككايىن بىر تۈرلۈك ئېنېرگىيە مەنبەسى سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق نېفىتىگە تايىنىش ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئوتتۇرا شەرق توقۇنىشىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن ئېدى.
ئارقىدىنلا مەككايىن ۋە ئالان گرېنسپان ئۆز كۆز قاراشلىرىغا تۈزىتىش كىرگۈزدى. مەككايىن ھازىر: ئەينى ۋاقىتتا 1991 – يىلىدىكى تۇنجى قېتىملىق پارىس قولتۇقى ئۇرۇشىنى كۆزدە تۇتقان ئېدىم، 2003 – يىلىدىكى ئىراق ئۇرۇشى بەلكىم كەڭ كۆلەمدىكى قىرغۇچى قوراللار سەۋەپلىك بولغان بولۇشى مۇمكىن دەپ تۇرىۋالدى.
مەسخىرە قىلىش ئادىللىق ئەمەس. ئىراق ئۇرۇشى كەڭ كۆلەمدىكى قىرغۇچى قوراللار، ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنى قايتىدىن بەرپا قىلىش، دېموكراتلاشتۇرۇش، ئىنسانىي ھوقۇق، ئىسرائىلىيە، تىرورىزىم، ئامېرىكىنىڭ ئۆز كۈچىنى كەڭ كۆلەمدە نامايەن قىلىش ئارزۇسى قاتارلىق ناھايىتى كۆپ تەرەپلەرگە چېتىشلىق. ئەمما نېفىت چوقۇم بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاساسلىق مەقسەدلەرنىڭ بىرى. ‹‹پارىس قولتۇقى رايونى ناھايىتى مۇھىم ئىسىتراتېگىيىلىك رايون›› دېگەن قاراشنى دائىم ئاڭلاپ تۇرىمىز. ‹‹ ئىستراتېگىيىلىك›› دېگەن بۇ سۆز دۇنيادا ھازىرغىچە ئېنىقلانغان نېفىت زاپىسىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىغا ئىگە بولغان بۇ رايوننىڭ ئاددىيلاشتۇرۇپ ئاتىلىشى.
ئەگەر ئىراققا تاجاۋۇز قىلىشتىكى قىسمەن مەقسەد نېفىت ئۈچۈن بولسا، ئۇنداقتا مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، بۇ قېتىمقى تاجاۋۇزچىلىق مەغلۇپ بولغان بولىدۇ، باشقا نۇقتىدىن ئېيتقاندىمۇ شۇنداق. 2003 – يىلى، ئامېرىكا ئىراققا تاجاۋۇز قىلىشتىن ئىلگىرى ھەر تۇڭ نېفىتنىڭ باھاسى 26 ئامېرىكا دوللىرى ئېدى. نۆۋەتتە ھەر تۇڭ نېفىتنىڭ باھاسى 126 ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا بولىۋاتىدۇ، داڭلىق ئانالىزچىلار: 2008– يىلىنىڭ ئاخىرى نېفىت باھاسى 200 ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىشى مۇمكىن دەپ قاراشتى.
مەككايىن ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق نېفىتىگە تايىنىۋېلىش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىدىغانلىقى توغرىسىدا تۇنجى قېتىم ۋەدە بەرگەن كىشى ئەمەس. ئوۋباما ۋە خىلارىلارمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋەدىلەرنى بەرگەن. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بۇشمۇ بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدا ئامېرىكىنىڭ ‹‹ نېفىت خۇمارى›› نى تۈگىتىدىغانلىقى توغرىسىدا قەسەم بەرگەن. سابىق زۇڭتۇڭ نىكسونمۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70 – يىللىرىدىكى تۇنجى قېتىملىق نېفىت كىرزىسىدىن كىيىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋەدە بەرگەن. ئەمەلىيەتتە، ئىش دەل ئۇنىڭ ئەكىس يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. 1973 – يىلى، ئامېرىكىنىڭ نېفىت ئىمپورتى 33 پىرسەنت ئىدى؛ ھازىر نېفىت ئىمپورتى 60 پىرسەنتگە يەتتى، 2020 – يىلىغا بارغاندا بۇ نىسبەت 70 پىرسەنتكە يېتىشى مۇمكىن. ئامېرىكىنىڭ قاتناش سىستېمىسى يەنىلا پۈتۈنلەي نېفىتكە تايىنىدۇ.
ھازىرغا قەدەر، ئامېرىكا سىياسىئونلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان ئىنكاسىدا رازى بولۇش ۋە غەزەپلىنىش ئارىلاش بولۇپ كەلدى. ئېنېرگىيە مۇستەقىللىقى مۇراجىتى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئومۇملاشتى. مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر بىئولوگىيىلىك يېقىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشقا زور مەبلەغ سېلىپ، يېمەكلىك باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئەمما ھازىرغا قەدەر، ھەر قانداق بىر ئامېرىكىلىق مۇھىم سىياسىي ئەرباپ ئامېرىكىلىقلارنىڭ يېقىلغۇ باھاسىنىڭ توختىماستىن ئۆسۈش ۋەزىيىتىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، تۇرمۇش شەكلىنى ئۆزگەرتىشى كېرەكلىكىنى ئېتىراپ قىلمىدى.
جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى دومىنىس بۇنىڭدىن ئىلگىرى ‹‹ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، نېفىت باھاسىنى تۆۋەنلىتىش›› نى مۇراجەت قىلغان ئېدى. دېموكراتلار پارتىيىسى ئامېرىكا باش تەپتىشىگە بېسىم ئىشلىتىپ، نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرىنى تىل بېرىكتۈرۈپ باھانى ئۆستۈرىۋېلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىپلەشنى تەلەپ قىلدى. ئەمما بۇ خىلدىكى ھەر قانداق ھەرىكەت ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرگە بولغان تەسىرىنى يۇقىرى مۆلچەرلەپ قالغانلىق ھېسابلىنىدۇ. نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ئۆزلىرىنىڭ قىسمەن غايەت زور سوممىدىكى ئامېرىكا دوللىرى زاپىسىنى تۆكمە قىلىش ئارقىلىق ئۆچ ئېلىشى مۇمكىن، بۇ، ئامېرىكا دوللىرى ۋە ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىغا نىسبەتەن ئېغىر زەربە بولىدۇ. دۇنيادىكى ئاساسلىق نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرگە نىسبەتەن يوشۇرۇن خېرىدارلار ئاز ئەمەس. نۆۋەتتە، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ 50 پىرسەنت نېفىتى ئاسىياغا ئېكىسپورت قىلىنىۋاتىدۇ.
|