|
پاكىستان مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى(شېرىف گۇرۇھى) 31 – ماي ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بۇشنىڭ پاكىستان زۇڭتۇڭى مۇشەررەفنى قوللىغانلىقىنى ئەيىبلىدى. بىر كۈن ئىلگىرى، بۇش مۇشەررەفكە تېلېفون بېرىپ، ئۇنىڭ پاكىستان – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشتا ‹‹داۋاملىق رول ئوينىشى››نى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
مۇشەررەف 29 – ماي ئۆزىنىڭ ئىستېپا بېرىشى توغرىسىدىكى سۆز – چۆچەكلەرنى ئىنكار قىلدى. بۇ سۆز – چۆچەكلەر يېقىندىن بۇيان پاكىستاندىكى بەزى ئاخبارات ۋاستىلىرىدە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ھاكىمىيەت بېشىدىكى خەلق پارتىيىسى يېقىندا ئېلان قىلغان ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسىدە زۇڭتۇڭنىڭ بارلىق ئەمەلىي ھوقۇقىنىڭ ئېلىپ تاشلانغانلىقى ھەم بۇ ھوقۇقلارنىڭ زۇڭلىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدىغانلىقى بۇنىڭ سەۋەبى ئىكەن. بۇ، مۇشەررەفنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيىنىڭ بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسى بويىچە، زۇڭتۇڭنىڭ ئېلىپ تاشلانغان ھوقۇقلىرى پارلامېنت ۋە ھۆكۈمەتنى تارقىتىۋېتىش ھوقۇقى، شۇنداقلا ھەربىي رەھبەرلەر ۋە ئۆلكە ۋالىيلىرىنى تەيىنلەش ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ھوقۇق زۇڭلىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئەگەر تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسى ماقۇللانسا، زۇڭتۇڭ مۇشەررەف ‹‹قۇرۇق ئۆستەڭگە مىراپ بولۇپ›› قېلىپ، زۇڭلى جىلانى ئەمەلىي ھوقۇققا ئېرىشىدىكەن. جىلانى خەلق پارتىيىسىدىن چىققان بولۇپ، زۇڭلىنىڭ ھاكىمىيەتنى كونترول قىلىشى ئەمەلىيەتتە خەلق پارتىيىسىنىڭ ھاكىمىيەت ھوقۇقىنى ئىگىلىشىدىن دېرەك بېرىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، باش سوتچىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئۈچ يىلغا قىسقىرايدۇ. بۇنداق بولغاندا مۇشەررەف ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغان سابىق باش سوتچى چاۋدورىنىڭ قايتا ۋەزىپە ئۆتىشى قىيىن بولىدۇ، چۈنكى چاۋدۇرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتىگىنىگە بۇ يىل 6 – ئايدا ئۈچ يىل توشىدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق بولسا، مۇشەررەف بىلەن تىغمۇ تىغ قارشىلىشىۋاتقان مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى(شېرىف گۇرۇھى) چاۋدۇرى بىلەن بىرلىشىپ، مۇشەررەفنىڭ بۇلتۇر 3 – نويابىردىن كېيىنكى بىر قاتار ھەرىكەتلىرىنى ئېنىقلىشى قىيىنغا چۈشىدۇ، بۇ ھەرىكەتلەر مەملىكەت بويىچە يارىشىش بويرۇقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇشۇ يارىشىش بۇيرۇقى تۈپەيلىدىن سابىق زۇڭلى، خەلق پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ب. بۇتتو ۋە ئۇنىڭ ئېرى زەردارى ھەققىدىكى نۇرغۇن ئەيىبلەش بىكار قىلىنىپ، ئۇلار يارىشىش بويرۇقىدىن ئەڭ بىۋاسىتە مەنپەئەتلەنگۈچى بولغانىدى. تەھلىلچىلەر مۇنداق قارىدى: مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى(شېرىف گۇرۇھى)نىڭ مەقسىتى سوتچىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە مۇشەررەفنى تەختتىن چۈشۈرۈش بولۇپ، بۇ نىشان ئېنىق ئۆچ ئېلىش ۋە قارشىلىشىش تۈسىنى ئالغاچقا، خەلق پارتىيىسىنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىشى قىيىن.
ئۇنىڭدىن باشقا، مۇشەررەفنى قوللايدىغان، ئىلگىرىكى ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى(داھىي گۇرۇھى) خەلق پارتىيىسى، مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى(شېرىف گۇرۇھى) بىلەن پۈت تېپىشىپ كەلگەن بولۇپ، ھازىر ئۆكتىچى پارتىيىلىك رولىنى ئويناۋاتىدۇ، ئۇلار زۇڭتۇڭنىڭ ھوقۇقىنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسىنىڭ ماقۇللىنىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن توسىدۇ.
ئامېرىكىنىڭ مەيدانىمۇ مۇھىم ئامىل. 25 – ماي، ئامېرىكىنىڭ بىر قانچە كېڭەش پالاتا ئەزاسىدىن تەشكىللەنگەن ۋەكىللەر ئۆمىكى توساتتىن پاكىستاننى زىيارەت قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر ئىنتايىن ئېنىق بېشارەت بەرگەن ھەم مۇشەررەفكە قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ يېنىكلىك بىلەن ھەرىكەت قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلغان.
پاكىستان ئاساسىي قانۇنىدا، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسى ئاۋام پالاتا ۋە كېڭەش پالاتادا ماقۇللانغاندىن كېيىنلا ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسىنى ئىككى پالاتادا ماقۇللىتىش ئىنتايىن قىيىن.
مۇشەررەف ھازىر يەنىلا پارلامېنت ۋە ھۆكۈمەتنى تارقىتىۋېتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، قايتىدىن سايلام ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىسا بولىدۇ. خەلق پارتىيىسى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسىنى ماقۇللاش ئۈچۈن، ئېرىشكەن پايدىسىنى قۇربان قىلىش – قىلماسلىقنى ئەستايىدىل ئويلىشىدۇ.
تەھلىلچىلەر: مۇشەررەف مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى(شىرىف گۇرۇھى) ۋە ھەربىي تەرەپنىڭ قوللىشىغا داۋاملىق ئېرىشسىلا، ھازىرقى ھوقۇقىنى ساقلاپ قىلىش پۇرسىتى ئىنتايىن چوڭ، دەپ كۆرسەتتى.
‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››
|