باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
خۇ جىنتاۋ كۈچ تەشكىللەپ، ھادىسىگە ئۇچرىغان تىك ئۇچار ئايروپىلاننى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىزدەش توغرىسىدا يول يورۇق بەردى
2008- 06- 03 09:52 شىنجاڭ گېزىتى

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چېڭدۇ، 1 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. چېڭدۇ ھەربىي رايونى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قىسىمىنىڭ 171–M بەلگىلىك بىر ترانسپورت تىك ئۇچار ئايروپىلانى 31 – ماي چۈشتىن كېيىن ھادىسىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، چېڭدۇ ھەربىي رايونى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بىرلەشمە قوماندانلىق شتابى دەرھال قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى تەشكىللەپ، ھادىسىگە ئۇچرىغان تىك ئۇچار ئايروپىلان ۋە ئايروپىلاندىكى خادىملارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىزدىدى. بۇ ھادىسە ئېگىز تاغ ئارىسىدىكى جىلغىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، يەر شەكلى مۇرەككەپ، ئورمان قويۇق، قۇتقۇزۇش قىيىن بولغاچقا، 1 – ئىيۇن سائەت 19غىچە ھادىسىگە ئۇچرىغان تىك ئۇچار ئايروپىلان ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى خادىملارنىڭ ئىز – دېرىكى بولمىدى.

      ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ ھادىسىگە ئۇچرىغان تىك ئۇچار ئايروپىلاننى ئىزدەش خىزمىتىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، دەرھال كۈچ تەشكىللەپ پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىزدەش توغرىسىدا يوليورۇق بەردى ھەم ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گو بوشيۇڭنى چېڭدۇغا ئىزدەش خىزمىتىنى تەشكىللەش ۋە ئالاقىدار ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئەۋەتتى. گو بوشيۇڭ 1 – ئىيۇن چۈشتىن ئىلگىرى چېڭدۇغا كېلىپلا، چېڭدۇ ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى لى شىمىڭ، سىياسىي كومىسسارى جاڭ خەيياڭ ۋە سىچۇەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ چىباۋ بىلەن باش قوشۇپ، ئىزدەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، خادىملارنى كۆپەيتىش، شۇنداقلا تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، يەر يۈزى ۋە ھاۋادىن ئىزدەش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى قارار قىلدى.

      چېڭدۇ ھەربىي رايونى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بىرلەشمە قوماندانلىق شتابى 31 – ماي سائەت 15تىن 34 مىنۇت ئۆتكەندە تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغانلىق توغرىسىدىكى دوكلاتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دەرھال قىسىمغا ئالاقىلىشىش ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئايروپىلان گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىش توغرىسىدا كۆرسەتمە بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ خەۋەرلىشىش ئايروپىلانى، جۇڭگو كۆچمە ئالاقە شىركىتىنىڭ چاقىرىش ئاپپاراتى ئارقىلىق تىك ئۇچار ئايروپىلاننى چاقىرغان بولسىمۇ، ئەمما ئىنكاس قايتمىدى. بىرلەشمە قوماندانلىق شتابى يېقىن ئەتراپتا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسى ئىجرا قىلىۋاتقان چېڭدۇ ھەربىي رايونى، جىنەن ھەربىي رايونى قىسىملىرى ۋە خەلق ئەسكەرلىرى زاپاس قىسىمىغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، 2500دىن ئارتۇق كىشىدىن تەركىب تاپقان ئون قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئەۋەتىپ، ھادىسە يۈز بەرگەن رايون دائىرىسىدە ئىزدىدى. ماقالە ئەۋەتىلگىچە، ئىككى تىك ئۇچار ئايروپىلان بوشلۇقتا بەش قېتىم ئىزدىدى، قۇرۇقلۇقتىكى قىسىملار 30 سائەتكە يېقىن ئىزدىدى.

     چېڭدۇ ھەربىي رايونى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بىرلەشمە قوماندانلىق شتابىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ تىك ئۇچار ئايروپىلان 31 – ماي چۈشتىن كېيىن، 3 – ھەربىي تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇتەخەسسىسلىرىنى لىشيەن ناھىيىسىگە ئاپىرىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىپ قايتىش سەپىرىدە، ۋېنچۇەن ناھىيىسىنىڭ يىڭشيۇ ئەتراپىغا كەلگەندە، ئېگىز تاغ جىلغىسىدىكى ھاۋا تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ، تۇمان ۋە كۈچلۈك ھاۋا ئېقىمىغا دۇچ كېلىپ، سائەت 14تىن 56 مىنۇت ئۆتكەندە ھادىسىگە ئۇچرىغان. تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە، ئايروپىلاندا بەش ئايروپىلان خادىمىدىن باشقا، ئاپەتتە يارىلانغانلار ۋە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەردىن 14ى بولۇپ، جەمئىي 19 كىشى بار ئىكەن. ھادىسىگە ئۇچرىغان ئايروپىلاندىكى چيۇ گۇاڭخۇا، لى يۆ، ۋاڭ خۇەييۈەن، چېن لىڭ، جاڭ پېڭنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى ئىپادىسى گەۋدىلىك بولۇپ، ۋەزىپىنى ئۇتۇقلۇق ئورۇندىغان. ئايروپىلان باشلىقى چيۇ گۇاڭخۇا 12 – مايدىن بۇيان، ئايروپىلان گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىلەن بىللە، مۇرەككەپ يەر شارائىتى، ناچار كېلىماتتا ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما ۋە قۇتقۇزۇش ئەشيالىرىنى زەربىدارلىق بىلەن توشۇپ، جەمئىي 63 قېتىم ئۇچۇپ، 25.8 توننا ئەشيا، 87 قۇتقۇزۇش خادىمى، ئاپەتكە ئۇچرىغان 234 ئاممىنى توشۇغان، ئۇنىڭ ئىچىدە ئاپەتتە يارىلانغان 54 كىشى بار.
چېڭدۇ ھەربىي رايونى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بىرلەشمە قوماندانلىق شتابىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: چيۇ گۇاڭخۇا ئايروپىلان گۇرۇپپىسى مۈشكۈل ۋەزىپىنى ئىجرا قىلىش داۋامىدا، مۇرەككەپ يەر شارائىتى ۋە قىياس قىلىش قىيىن بولغان ناچار ھاۋارايى ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن ھادىسىگە ئۇچرىغان. بۇ ئاپەت رايونىدىكى خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلكىنى خەتەردىن قورقماي قۇتقۇزۇشتەك باتۇرانە ھەرىكەت.   
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ