باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
ئاپەت رايونىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ھەر ساھەنىڭ غەمخورلۇقىغا ئېرىشتى
2008- 06- 02 16:10 شىنجاڭ گېزىتى

     بورتالا شەھىرىنىڭ چىندىل يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتىپى سىچۇەندىكى ئاپەت رايونىدىن كەلگەن لى يىڭ، لى چىڭشى قاتارلىق ئىككى ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلدى.

     لى يىڭ، لى چىڭشىلار سىچۇەندىكى ئاپەت ئېغىر بولغان ئەنشەن ناھىيىسىدىن بولۇپ، 5 – ئاينىڭ  18 – كۈنى بورتالا شەھىرىنىڭ چىندىل يېزا شابۇرتا 4 – كەنتىگە تۇغقانلىرىنى پانا تارتىپ كەلگەن ئىدى، بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان شەھەر ۋە يېزا رەھبەرلىرى  ئۇلارنى چىندىل يېزا مەركىزىي مەكتەپنىڭ 2 – يىللىق 1 – سىنىپىغا ئورۇنلاشتۇردى. مەكتەپ رەھبەرلىرى ئۇلارغا سومكا، كىتاب، دەپتەر – قەلەم ئېلىپ بەردى ھەم  ئۇلارنى يېزىلىق دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەن سالامەتلىكىنى تەكشۈرتتى.

     مەكتەپ مۇدىرى سەمەت مۇنداق دېدى: مەكتەپ بۇ بالىلارنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇشىنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇردى ھەم ئۇلاردىن ئوقۇش ۋە ماتېرىيال پۇللىرىنى ئالماسلىقنى قارار قىلدى. لى يىڭ، لى چىڭشىلار مۇنداق دېدى: بىز ياخشى ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ، ۋەتەن ۋە خەلقنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلايمىز.

 

 لى چېڭشى ساۋاقداشلىرى بىلەن كۆڭۈللۈك ئوينىماقتا

      يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ، ئاپەت رايونىدىن قۇمۇلغا كېلىپ ئوقۇشقا كىرگەن ئوقۇغۇچىلار جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ غەمخورلۇقىغا ئېرىشتى. بايرام ھارپىسىدا ئاپەت رايونىدىن كەلگەن بالىلار قۇمۇلدىكى يېڭى دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە ناخشا ئېيتىپ ، ئۇسسۇل ئويناپ ، بايرام شادلىقىغا چۆمدى . 

 

قۇمۇل شەھىرىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى سىچۇەندىكى ئاپەت رايونىدىن كەلگەن ساۋاقداش شيې چاۋغا ئۇسسۇل ئۆگەتمەكتە     

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ