|
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 27 – مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋيېتنام ھۆكۈمىتى بۈگۈن 5 – ئايدىكى مال باھاسىنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25 ئۆرلەپ، 1992 – يىلىدىن بۇيانقى رېكورت ياراتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە يېمەكلىك باھاسىنىڭ ھەممىدىن كۆپ ئۆرلىگەنلىكىنى جاكارلىغان.
ۋيېتنام ستاتىستىكا ئىدارىسىدىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، 5 – ئايدا ۋيېتنامدا يېمەكلىك ۋە ئىچىملىك باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %42 ئاشقان، گۈرۈچنى خام ئەشيا قىلغان يېمەكلىك باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى %68كە يەتكەن. ئۆي ۋە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنىڭ باھاسى %23 ئۆرلىگەن. دۇنيا بانكىسىنىڭ ۋيېتنامدىكى ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇلى مارتىن رىيما: ۋيېتنامدا بۇ قېتىم پۇل پاخاللىشىش نىسبىتىنىڭ% 25كە يېتىشى ئون نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەنلىكى بولۇپ، بۇ سانلىق مەلۇمات كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ، دېدى.
خەلقئارادا نېفىت باھاسى ۋە يېمەكلىك باھاسىنىڭ ئۇچقاندەك ئۆرلىشى بىلەن پۇل پاخاللىقى ئاسىيادىكى نۇرغۇن دۆلەتكە تەسىر كۆرسەتتى، بۇنىڭ تەسىرى ۋيېتنامدا تېخىمۇ گەۋدىلىك بولدى. بۇنىڭ بىلەن ۋيېتناملىقلار تېخىمۇ بەك ئەندىشە ئىچىدە قىلىپ، خۇجىمىن شەھىرىدە كىشىلەر ئۇزۇن ئۆچىرەتتە تۇرۇپ گۈرۈچ سېتىۋالىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلدى. ئىقتىسادشۇناسلار پۇل پاخاللىقى ۋيېتنامنىڭ ئىقتىسادى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك، ئىشچىلارنىڭ مائاشنى ئۆستۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ ئۆتكۈزگەن ئىش تاشلاشلىرىمۇ ئۈزۈلمىدى، ۋيېتنام ئۇزاق مۇددەتكىچە پۇلنى قىسىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشى مۇمكىن، دەپ قارىدى.
‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن
|