|
كورىيە شىركەتلىرى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ۋاقتىنىڭ كۆپ بولۇشى بىلەن دۇنياغا داڭلىق.
‹‹فوربېس›› ژۇرنىلىنىڭ يېڭى سانىدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى (OECD)غا ئەزا 32 دۆلەت ئىچىدە كورىيىلىكلەرنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە خىزمەت ۋاقتى ھەممىدىن كۆپ بولۇپ، 2357 سائەتكە، ھەپتىلىك ئوتتۇرىچە خىزمەت ۋاقتى 45.3 سائەتكە يېتىدۇ. شۋېتسارىيىلىكلەرنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە خىزمەت ۋاقتى 2052 سائەت بولۇپ، كورىيىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا شەرقىي ياۋروپادىكى چېخ، پولشا ۋە ۋېنگرىيە. يىللىق ئوتتۇرىچە خىزمەت ۋاقتى ھەممىدىن قىسقا دۆلەت گوللاندىيە بولۇپ، 1391 سائەت. ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق خىزمەت ۋاقتى 1797سائەت بولۇپ،OECD غا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە 9 – ئورۇندا تۇرىدۇ.
‹‹فوربېس›› ژۇرنىلىنىڭ تەھلىلچىلىرىنىڭ قارىشىچە، كورىيە 2004 – يىلىدىن باشلاپ، ئىشچى – خىزمەتچىلىرى 1000دىن ئاشقان كارخانىلاردا بەش كۈنلۈك خىزمەت تۈزۈمىنى مەجبۇرىي يولغا قويغان ھەم ئالاقىدار تۈزۈمگە تۈزىتىش كىرگۈزگەن بولسىمۇ، بۇ تۈزۈم ئانچە ياخشى ئىجرا قىلىنمىغان. ‹‹كورىيىلىكلەر›› دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى مېخائىل بۇللىن: كورىيىنىڭ كارخانا مەدەنىيىتىدە نوپۇز قارىشى يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ، باشلىق ئىشتىن چۈشمەستىن بۇرۇن، قول ئاستىدىكى خادىملارنىڭ ئىشتىن چۈشۈشىگە بولمايدۇ، دېدى.
ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ۋاقتى كۆپ بولغانلىقتىن، ئىشچى – خىزمەتچىلەر بەكلا چارچاپ كېتىدۇ. يېقىندا بەزى شىركەتلەر ئىشچىخىزمەتچىلەرنىڭ ئارام ئېلىشىغا ۋاقىت ئاجرىتىپ بېرىشنىڭ شىركەتكە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان. بەزى شىركەتلەر ‹‹ئىشتىن چۈشۈش ۋاقتىغا قاتتىق ئەمەل قىلىش تۈزۈمى››نى يولغا قويغان، بەزىلىرى ھەر ھەپتىدە مەلۇم بىر كۈننى ‹‹ئائىلە كۈنى›› قىلىپ بېكىتىپ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى ۋاقتىدا ئىشتىن چۈشۈشكە دەۋەت قىلغان.
‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن
|