باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
ئىراننىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتى مال–مۈلۈك سۇغۇرتىسى ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشتا كۆرۈلگەن مەسىلە
2008- 06- 02 12:28 شىنجاڭ گېزىتى

     ئىراندا يەر تەۋرەش ئاپىتى كۆپ يۈز بېرىدۇ. 2003 – يىل 12 – ئاينىڭ 26 – كۈنى، ئىراننىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى كەرمەن ئۆلكىسىنىڭ بام رايونىدا 6.3 بال يەر تەۋرەپ، 30 مىڭ كىشى قازا قىلغان. يەر تەۋرەش ئاپىتى مال – مۈلۈك سۇغۇرتىسى ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش توغرىسىدا ئىراننىڭ تەجرىبىسى بولسىمۇ، بىراق يەنە بەزى مەسىلىلەر ساقلانماقتا.

     مال – مۈلۈك سۇغۇرتىسى جەھەتتە ئىراندىكى سۇغۇرتا شىركەتلىرى يەر تەۋرەش ئاپىتى مال – مۈلۈك سۇغۇرتىسى تۈرى تەسىس قىلمىغان. بىراق كۆپ ساندىكى سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ سۇغۇرتا كەسپىدە يەر تەۋرەش ئاپىتى يەڭگىلى بولمايدىغان كۈچ، دەپ قارىلىدۇ، يەر تەۋرەش ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيانغا بېرىلىدىغان تۆلەم ئوت ئاپىتى سۇغۇرتىسى، سانائەت خەتىرى سۇغۇرتىسى، ئۆمۈر سۇغۇرتىسى، شۇنداقلا كۈتۈلمىگەن زەخىم سۇغۇرتىسى قاتارلىق سۇغۇرتا تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىراق ئۇزاقتىن بۇيان، يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى مال – مۈلۈك سۇغۇرتىسى بويىچە تۆلەم بېرىشكە ئالاقىدار مەسىلە مۇۋاپىق ھەل قىلىنمىدى، تۆلەم بېرىش تەدبىرلىرىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلمىدى ھەم ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلمىدى. كۆپ ساندىكى سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ يەر تەۋرەشكە ئالاقىدار تەبىئىي ئاپەت كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيانغا تۆلەم بېرىش تۈرىدە ئاساسلىق سۇغۇرتا تۈرى، مەسىلەن: ئوت ئاپىتى سۇغۇرتىسىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، ئايرىم سېتىۋېلىشقا بولىدۇ، بۇ خىل سۇغۇرتا تۈرىنىڭ باھاسى بەزىدە بىر قاتلىنىدۇ، باشقىدىن ئايرىم سېتىۋېلىشقا توغرا كېلىدىغان تۈرلەرگە سۇغۇرتىلانغۇچى دائىم سەل قارايدۇ.

     يەر تەۋرەش ئاپىتى مال – مۈلۈك سۇغۇرتىسى مېخانىزمىنى قانداق قىلغاندا مۇكەممەللەشتۈرگىلى بولىدۇ؟ دېگەن مەسىلە ئىران ئالىملىرى تەتقىق قىلىۋاتقان تېما بولۇپ قالدى. بەزى ئالىملار يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئاھالە رايونى، سودا مەركىزى ۋە زاۋۇت قاتارلىق زىيانغا ئۇچرىغانلارغا تۆلەم بېرىش ئۈچۈن، ئىران ھۆكۈمىتى مەخسۇس ھۆكۈمەت فوندى تەسىس قىلىشى كېرەك، دەپ تەكلىپ بەردى.

     يەر تەۋرەش دائىرىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى سەۋەبلىك، ئىراننىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتى ئادەتتە يېرىم يىلدىن ئون يىلغىچە سوزۇلىدۇ. ئىسلام ئىنقىلابىي تۇرالغۇ فوندى قايتا قۇرۇشقا مەسئۇل ئاپپاراتلارنىڭ بىرى بولۇپ، مەسئۇلىيىتى: قايتا قۇرۇلغان ئىمارەتلەرنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىش؛ تېخنىكا ئۆتكىلىدىن ئۆتكەن خادىملارنى لايىھىلەش ۋە قۇرۇلۇش قىلىشقا تاللاش؛ ئۆلچەمگە ئۇيغۇن قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش؛ شۇ جاينىڭ مۇھىت قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش؛ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى جازالاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

     ئىراننىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتى كۆزلىمە نىشاندىن خېلىلا يىراق بولۇپ، 2003 – يىلى يۈز بەرگەن بام يەر تەۋرەش ئاپىتىنى مىسالغا ئالساق، يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بېرىپ تاكى بۈگۈنگىچە بولغان تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا شەھەردە يەنىلا ئاپەتتىن كېيىن ۋاقىتلىق سېلىنغان ئاددىي ئۆيلەر يەنىلا ئىشلىتىلمەكتە، بەزىلىرى ھەتتا شىپاخانا ۋە ماگىزىن قىلىنغان؛ شەھەر رايونىدا كونا ئىمارەتلەردىن خېلى بار؛ شۇ جايدا مال باھاسى خېلى يۇقىرى بولۇپ، ئىشسىزلىق نىسبىتى پەقەتلا چۈشمىگەن؛ سەھىيە مۇئەسسەسىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئاستا بولغان؛ زىيانغا ئۇچرىغان دۇنياۋى مەدەنىي يادىكارلىق بولغان بام قەدىمىي قەلئەسى مۇۋاپىق رېمونت قىلىنمىغان.

     ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتى ئەمەلىي مەشغۇلات جەريانىدا قايتا قۇرۇشقا مەسئۇل ئاپپارات ۋە تۈرلەر خېلى كۆپ بولۇش، ماسلاشتۇرۇش ۋە بىر تۇتاش باشقۇرۇشتا يېتەرسىزلىك مەۋجۇت بولۇش؛ تۈرلەرنى ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىپ باشقۇرماسلىق؛ ھۆددىگە ئالغۇچى سودىگەرلەر پايدىنىلا كۆزلەپ، ناچار سۈپەتلىك ماتېرىياللارنى ئىشلىتىش، تېخنىكا ئۆتكىلىدىن ئۆتمىگەن ئىشچىلارنى قۇرۇلۇش قىلىشقا تەكلىپ قىلىش؛ قايتا قۇرۇش  مەبلىغى يېتىشمەسلىك؛ باشقۇرۇش مۇكەممەل بولماسلىق تۈپەيلىدىن ئىراننىڭ مەملىكەت ئىچى – سىرتىدىن كەلگەن ئىئانە پۇلنى ئىسراپ قىلىش ۋە خىيانەت قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار ساقلانغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ