باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
ياپونىيىدە تارىخى ئۇزۇن كارخانا ئەڭ كۆپ
2008- 06- 02 12:27 شىنجاڭ گېزىتى

      كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 14 – مايدىكى خەۋىرىدە: كورىيە بانكىسى بۈگۈن ئېلان قىلغان ‹‹ياپونىيە كارخانىلىرىنىڭ تارىخىنىڭ ئۇزۇن بولۇشىدىكى سىر ۋە ئۇنىڭ ئىلھامى›› دېگەن دوكلاتتا ياپونىيىدە 3146 كارخانىنىڭ تارىخى 200 يىلدىن، يەتتە كارخانىنىڭ تارىخى 1000 يىلدىن ئاشقان بولۇپ، ياپونىيىدە تارىخىي ئۇزۇن كارخانا ئەڭ كۆپ، دېيىلدى.

     دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: دۇنيا بويىچە ئىگىلىك تىكلەش تارىخى 200 يىلدىن ئاشقان كارخانىدىن 5586 سى بولۇپ، ئۇلار 41 دۆلەتكە تارقالغان. ئۇنىڭ ئىچىدە ئاسىيادا 3214 سى بولۇپ، %57.5 نى، ياۋروپادا  2345 سى بولۇپ، %42 نى ئىگىلەيدۇ. دۆلەتلەر بويىچە ئايرىغاندا ياپونىيىدە 3146 سى بولۇپ، %56.3 نى، گېرمانىيىدە 837 سى بولۇپ، %15 نى، گوللاندىيىدە 222 سى بولۇپ، %4 نى، فرانسىيىدە 196 سى بولۇپ، %3.5 نى ئىگىلەيدۇ. كورىيىدە تارىخى 200 يىلدىن ئاشقان كارخانا يوق، تارىخى 100 يىلدىن ئاشقىنىدىن ئىككىسى بار.

     كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ياپونىيە ئىسمى جىسمىغا لايىق تارىخى ئۇزۇن كارخانىلار چوڭ دۆلىتى بولۇپ، دۇنيا بويىچە تارىخى ئۇزۇن كارخانا ئەڭ كۆپ بولۇپلا قالماي ئەڭ قەدىمكى كارخانىلارمۇ بار. دۇنيا بويىچە ئەڭ قەدىمكى كارخانىلار ئىچىدىكى ئالدىنقى ئۈچ كارخانا ياپونىيىنىڭ كارخانىلىرى. ياپونىيىدە ئىگىلىك تىكلەش تارىخى 1000 يىلدىن ئاشقان كارخانىلار ئىچىدە مىلادى 578 –  يىلى قۇرۇلغان بىناكارلىق  –  قۇرۇلۇش جەمئىيىتى  ‹‹جىنگاڭزۇ›› قاتارلىق كارخانىلارمۇ بار. تارىخى ئۇزۇن بۇ كارخانىلار ئىچىدىكى %89.4 كارخانا ئىشچى  –  خىزمەتچىسى 300 دىن ئاشمايدىغان كىچىك كارخانىلار بولۇپ، كۆپىنچىسى ئائىلىنى بىرلىك قىلىپ تىجارەت قىلىدۇ. تىجارەت دائىرىسى يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، تەييارلاش، ھاراق، دورا ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
دوكلاتتا مۇنداق قارالدى: ياپونىيىدىكى بۇ كارخانىلارنىڭ تارىخىنىڭ ئۇزۇن بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب شۇكى، ئۇلار ئۆز كەسپىگە ئەھمىيەت بەرگەن، سەمىمىي تىجارەت قىلغان، كاسىپكار روھىنى ساقلىغان، قانداشلىق مۇناسىۋىتىدىن ھالقىپ ۋارىس تاللىغان، كارخانا تىجارىتىدە ئېھتىياتچان بولغان. دوكلاتتا تەھلىل قىلىنىپ مۇنداق قارالدى: ياپونىيە ئىقتىسادىنىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 –  يىللىرىدىكى يىننىڭ كۈچىيىشى ۋە 90 –  يىللىرىدىكى ئىقتىسادىي كاساتچىلىقتىن قۇتۇلۇشىدا تارىخى ئۇزۇن بۇ كارخانىلار بەلگىلىك رول ئوينىغان.

‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى›› دىن

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ