|
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاشلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش چاۋشيەندىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت ھەم مەملىكەت خەلقى ئالدىغا قويۇلغان مۇھىم تېما بولۇپ قالدى. چاۋشيەندە ئاشلىق ئۆكسۈكچىلىكىنىڭ سەۋەبى كۆپ تەرەپلىك بولۇپ، تەبىئىي ئاپەت ۋە ئامېرىكا، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ چاۋشيەنگە يۈرگۈزگەن ئىقتىسادىي جازاسى ئەڭ ئاساسىي سەۋەب. ھازىر دۇنيا ئاشلىق ئامبىرىدا ساقلىنىۋاتقان ئاشلىقنىڭ ئازىيىشى، خەلقئارادا ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆرلىشى چاۋشيەننىڭ ئاشلىق مەسىلىسىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا چىقاردى.
‹‹مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش›› ھازىر چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيىسى مەملىكەت خەلقىگە چىقارغان چاقىرىق. بۇ چاقىرىققا بىنائەن، چاۋشيەن دۆلەتنىڭ يېزىلارنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئېلېكتر ئېنېرگىيە، يېقىلغۇ ماي، زاپچاس قاتارلىق جەھەتلەردە ئالدى بىلەن يېزا ئىگىلىكىنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى. مەركەزنىڭ مىنىستىرلىك، كومىتېتلىرى ۋە ئورگانلىرى دېھقانچىلىق كوپىراتىپلىرى بىلەن ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئەمگەك كۈچى ۋە ماددىي ئەشيا قاتارلىق جەھەتلەردە يېزىلارغا بېرىدىغان ياردەمنى كۈچەيتتى. ئورگان كادىرلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللانمايدىغان ئورۇنلاردىكى خادىملار يېزىلارغا تەشكىللىك، پىلانلىق ئەۋەتىلدى، ئۇلار دېھقانچىلىق كوپىراتىپلىرىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە مايسا تىكىشىپ بېرىپ، دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىللىرىدە ئادەم كۈچى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلدى ھەم دېھقانچىلىق كوپىراتىپلىرىغا نۇرغۇن دېھقانچىلىق سايمانلىرى بەردى. چاۋشيەن قۇرۇلۇش – قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى سانائىتى مىنىستىرلىكى، يېنىك سانائەت مىنىستىرلىكى قاتارلىق مەركەز ئورگانلىرى يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگەچكە، پارتىيە گېزىتىدە ئىسمى ئاتىلىپ تەقدىرلەندى.
شەھەرلەردىكى ئادەتتىكى ئائىلىلەرمۇ يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش پائالىيىتىگە پائال قاتناشتى. شەھەرلەردىكى بۇ ئاھالىلەر ئۆزلۈكىدىن ھەر خىل سەپلىمە ئوغۇتنى ئىشلەپ چىقىرىپ ۋە توپلاپ، يېقىن ئەتراپتىكى دېھقانچىلىق كوپىراتىپلىرىغا ئاپىرىپ بەردى. تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىشكە تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت چىقىرىشى ئۈچۈن، ئىلگىرى ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 1 دە ئېچىلىدىغان ماگىزىنلار يېقىندا چۈشتىن كېيىن سائەت 4 تە ئېچىلىدىغان بولدى.
ھۆكۈمەت يەنە ئېڭىزغا زىرائەت تېرىشقا ئىلھام بېرىپ، ئۇرۇق مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بەردى، بەرەنگىنى كۆپ تېرىشنى ۋە قىر بويىدىكى يەرلەرگە كانىماش تېرىشنى تەشەببۇس قىلدى، ئىلغار يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى پائال ئاچتى ۋە كىرگۈزدى، يېزا ئىگىلىك سېپىدىكى كادىرلار ۋە پەن تەتقىقات خادىملىرىدىن ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ، دېھقانچىلىق مەيدانلىرىدىكى خادىملارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئاكتىپلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، تەشۋىقات، سەپەرۋەرلىك قىلىش خىزمەتلىرىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.
چاۋشيەن ئاشلىق مەسىلىسىنى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ھەل قىلىشنى تەكىتلەش بىلەن بىللە، چەت ئەلنىڭ ياردىمىنىمۇ چەتكە قاقمىدى. ئامېرىكا 12 ئاي ئىچىدە چاۋشيەنگە 500 مىڭ توننا ئاشلىق ياردەم قىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 1 – تۈركۈمدىكى ئاشلىق ياردىمى 6 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە چاۋشيەنگە يەتكۈزۈلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، چاۋشيەن يەنە بەزى خەلقئارا ئاپپاراتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئاشلىق ياردىمىنى قولغا كەلتۈردى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى
|