|
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، بۈيۈك كورىيە زۇڭتۇڭى لى ميۇڭباك 2008 – يىل 5 – ئاينىڭ 27 – كۈنىدىن 30 – كۈنىگىچە جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ داغدۇغىلىق قارشى ئېلىشى ۋە قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى.
زىيارەت مەزگىلىدە رەئىس خۇ جىنتاۋ لى ميۇڭباك زۇڭتۇڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. لى ميۇڭباك زۇڭتۇڭ گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى جيا چىڭلىن بىلەن كۆرۈشتى. سۆھبەت ۋە كۆرۈشۈش جەريانىدا ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن كورىيىنىڭ دوستلۇق، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان رايون ھەم خەلقئارا مەسىلىلەر ھەققىدە چوڭقۇر پىكىرلىشىپ، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.
1.ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش
ئىككى تەرەپ 1992 – يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن تېز تەرەققىياتقا يۈكسەك باھا بېرىپ، ‹‹جۇڭگو بىلەن كورىيىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى››نى ‹‹جۇڭگو بىلەن كورىيىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى›› گە كۆتۈرۈشكە، دىپلوماتىيە، خەۋپسىزلىك، ئىقتىساد، ئىجتىمائىي ئىشلار، مەدەنىيەت، خادىملار ئالاقىسى قاتارلىق ساھەلەردە ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە بىردەك قوشۇلدى.
2. ئىقتىساد، سودا ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش
ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىقىنىڭ تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، بۇنى ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ قانات يايدۇرۇشنىڭ ئاساسىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، 2005 – يىلى ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى بېكىتكەن ‹‹جۇڭگو – كورىيە ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىقىنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات پىلانىنى بىرلىشىپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى›› نى تەڭشەش ۋە تولۇقلاشقا قوشۇلدى.
ئىككى تەرەپ بىردەك مۇنداق قارىدى: ئىككى دۆلەتنىڭ كۆچمە ئالاقىچىلىكى ساھەسىدىكى كونكرېت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش زۆرۈر، ئىككى دۆلەتتىكى ئالاقىچىلىك كارخانىلىرى ئارىسىدىكى مەبلەغ ۋە تېخنىكا ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشنى پائال قوللاش، ئېلېكترون ۋە ئۇچۇر ئالاقىچىلىكى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى يۇمشاق ماتېرىيال، رادىئو چاستوتا پەرق ئېتىش سىستېمىسى قاتارلىق ساھەلەرگە كېڭەيتىش كېرەك.
ئىككى تەرەپ يادرو ئېلېكتر، نېفىت زاپىسى، بايلىقنى بىرلىشىپ ئېچىش ۋە ھاسىلىي ئېنېرگىيە قاتارلىق ئېنېرگىيە ساھەلىرىدە كەڭ دائىرىلىك ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىشكە، ئېنېرگىيە تېجەش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقتا كونكرېت نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىشقا قوشۇلدى.
ئىككى تەرەپ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە سۈپەت تەكشۈرۈش، ئەشيا ئوبوروتى، ئەمگەك كۈچلىرى ھەمكارلىقى قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە قوشۇلدى.
ئىككى تەرەپ بىردەك مۇنداق قارىدى: پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئىككى دۆلەت پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق، ئىككى تەرەپ بىر – بىرىنىڭ پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرگەن تەجرىبىلەرنى ئەينەك قىلىشى ۋە ئالماشتۇرۇشى، ئىككى تەرەپنىڭ پۇل مۇئامىلە بازىرى ئىسلاھاتى ۋە ئېچىۋېتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا ۋە رايون پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدا ماسلىشىپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك.
ئىككى تەرەپ جەنۇبىي، شىمالىي قۇتۇپ پەن – تېخنىكا ساھەلىرىدىكى بىرلەشمە تەتقىقات ۋە تەكشۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە قوشۇلدى.
ئىككى تەرەپ مۇھىت ئاسراش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ مۇھىملىقىنى بىردەك تونۇپ، مۇھىت ئاسراش كەسپى، قۇم – بوراننى نازارەت قىلىش، خۇاڭخەي دېڭىزىنىڭ مۇھىتىنى قوغداش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە قوشۇلدى.
ئىككى تەرەپ 2010 – يىلىدىكى شاڭخەي دۇنيا كۆرگەزمىسى ۋە 2012 – يىلىدىكى لىشۈي دۇنيا كۆرگەزمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن پائال ھەمكارلىشىشقا قوشۇلدى.
3.خادىملارنىڭ مەدەنىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىش
ئىككى تەرەپ ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى تەكلىپ قىلىش كۆلىمىنى تەدرىجىي كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت ياشلىرى، ئۆسمۈرلىرى ئارىسىدىكى ئالاقىدە خەلقنىڭ ئۆيلىرىدە يېتىش، ئائىلىلەرگە بېرىپ ھال سوراش قاتارلىق ئالاقە پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىش، ھۆكۈمەتنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى كېڭىشىپ بېكىتتى.
4. رايون ۋە خەلقئارا ئىشلاردىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش
جۇڭگو چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدا چاۋشيەن بىلەن كورىيىنىڭ سۆزلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق مۇناسىۋەتنى ياخشىلاپ، تىنچ بىرلىككە كېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى داۋاملىق قەتئىي تەۋرەنمەي قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. كورىيە جۇڭگونىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى مەدھىيىلىدى، جۇڭگونىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن داۋاملىق ئىجابىي رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلدى.
ئىككى تەرەپ ب د ت نىڭ دۇنياۋى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى تەكىتلىدى. ب د ت ئىشلىرىدا داۋاملىق زىچ ھەمكارلىشىشقا قوشۇلدى. ئىككى تەرەپ بىردەك جۇڭگو، كورىيە، ياپونىيىنىڭ ھەمكارلىقى ئاسىيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنى قوغداشتا ئىنتايىن مۇھىم، دەپ قارىدى. ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئۈچ دۆلەت رەھبەرلىرى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ ئۈچ دۆلەتتە نۆۋەتلىشىپ كۆرۈشۈشى قاتارلىق دائىملىق ئالاقىنى ساقلاشقا قوشۇلدى.
ئىككى تەرەپ بۇ يىل بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 7 – نۆۋەتلىك ئاسىيا – ياۋروپا باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىشقا قوشۇلدى.
ئىككى تەرەپ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇش، قىرغىنچىلىقى زور قوراللارنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە خەلقئارا تېررورلۇققا زەربە بېرىش، پۇل مۇئامىلە ئىقتىسادىي جىنايىتى، دېڭىز قاراقچىلىرى، يۇقىرى پەن – تېخنىكا جىنايىتى قاتارلىق ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە قوشۇلدى.
5.ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ ‹‹جۇڭگو – كورىيە جازاغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش – باشقۇرۇش شەرتنامىسى››، ‹‹جۇڭگو پەن – تېخنىكا مىنىستىرلىكى بىلەن كورىيە مائارىپ، پەن – تېخنىكا مىنىستىرلىكىنىڭ قۇتۇپتىكى پەن – تېخنىكا ھەمكارلىقى چۈشىنىش ئەسلەتمىسى››، ‹‹جۇڭگو – كورىيە ئىلمىي ئۇنۋان، ئوقۇش تارىخىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش چۈشىنىش ئەسلەتمىسى›› ئىمزالىغانلىقىنى قارشى ئالدى.
6. ئىككى تەرەپ لى ميۇڭباك زۇڭتۇڭنىڭ جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇپ قولغا كەلتۈرگەن پائال نەتىجىلىرىدىن مەمنۇن بولدى، ئىككى تەرەپ بۇ قېتىمقى زىيارەت ئىككى دۆلەتنىڭ كەلگۈسىدىكى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قارىدى.
رەئىس خۇ جىنتاۋ لى ميۇڭباك زۇڭتۇڭنىڭ بېيجىڭ ئو ت م نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلدى ھەم قارشى ئالدى. لى ميۇڭباك زۇڭتۇڭ بېيجىڭ ئو ت م نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئىناقلىقى ۋە ئىتتىپاقلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى كاتتا مۇراسىم بولۇشىنى تىلىدى ھەم ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2008 – يىل 5 – ئاينىڭ 28 – كۈنى بېيجىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى
|