باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
ياپونىيە ئاپەتتىن كېيىنكى ئىئانە پۇلىنى قانداق باشقۇرىدۇ؟
2008- 06- 02 11:56 شىنجاڭ گېزىتى

     سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنچۇەن ناھىيىسىدە يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، جۇڭگولۇقلار ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكى خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلدى. 5 – ئاينىڭ 27 – كۈنى سائەت 12 گىچە مەملىكەت ئىچى – سىرتىدىكىلەر 32 مىليارد 722 مىليون يۈەنلىك پۇل – مال ئىئانە قىلدى، ئەمەلىي ھېساباتقا كىرگىنى 24 مىليارد 734 مىليون يۈەن بولدى. ئىئانە پۇلىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشى ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنىڭ باشلىنىشى بىلەن، كىشىلەر نەچچە ئون مىليارد يۈەن ئىئانە پۇلى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بىرىنچى سېپى ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىگە ئىشلىتىلەمدۇ؟ خەيرىيەت ئاپپاراتلىرى مەخسۇس پۇلنى جايىغا ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلالامدۇ؟ دېگەن مەسىلىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ. بۇنىڭدا ياپونىيىنىڭ تەجرىبىسىنى ئۆرنەك قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.

     ياپونىيىدە ئاپەت كۆپ يۈز بېرىدۇ. 2007 – يىلى 7 – ئايدا ياپونىيىنىڭ نىئىگاتا ناھىيىسىدە 6.8 بال يەر تەۋرەپ، 15 كىشى قازا قىلدى، 2315 كىشى يارىلاندى، 30 مىڭ يۈرۈشتىن ئارتۇق ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشتى، قايتا قۇرۇش خىزمىتى ھازىرقىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ. نىئىگاتا ناھىيىلىك كاسسىرلار ئىدارىسى باشقۇرۇش بۆلۈمىدىكىلەر ‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››نىڭ مۇخبىرغا: نىئىگاتا ناھىيىسىدە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىن كەلگەن ئىئانە پۇلىنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق. بۇ ئىئانە پۇللىرىنى ناھىيىنىڭ كىرىمى سۈپىتىدە مالىيىگە كىرگۈزمەي، مۇستەقىل باشقۇرۇلۇپ، ‹‹ئىئانە پۇلىنى تەقسىملەش كومىتېتى›› قۇردۇق، دېدى.

     بۇ كومىتېت ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنىڭ ۋەكىللىرى، شەھەر، كەنتلەرنىڭ رەھبەرلىرى، قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى، مۇتەخەسسىس – ئالىملار، ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خادىملىرىدىن تەشكىللەنگەن. ئۇلار قەرەللىك يىغىن ئېچىپ، تەقسىملەش ئۆلچىمىنى تۈزۈپ چىققان ھەم ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە يىغىننىڭ مەزمۇنىنى ئاشكارىلىغان، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كونكرېت نەتىجىسىنى شۇ ناھىيىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ كومىتېت يەنە توردا يىغىلغان ئىئانە پۇلنىڭ سوممىسىنى قەرەللىك ئېلان قىلغان. ئىئانە قىلغان پۇل سوممىسى كۆپرەك بولغان شەخسىيلەرنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، توردا ئۇلارنىڭ ئىسمى ۋە ئىئانە قىلغان پۇلىنىڭ سوممىسىنى ئېلان قىلغان. كىشىلەر ئالاقىدار قانۇن – بەلگىلىمە بويىچە ناھىيىدىكى ئالاقىدار تارماقلاردىن ئىئانە پۇل – مېلىغا ئائىت ھەر قانداق ماتېرىيالنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلسا بولىدىكەن.

‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى›› دىن
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ