باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
مۇش يېزىسى مائارىپ ئىشلىرغا ئەمىلىي ياردەم قىلدى
2008- 06- 02 11:47 تەڭرىتاغ تورى

      

سۈرەتتە ؛ مۇناسىۋەتلىك  مەسئۇللار مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ئىشلەنگەن خىزمەتلىرنى تەكشۇرمەكتە

      ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نۇرمەمەت ئابلا خەۋىرى ، فوتوسى: قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىنىڭ مۇش يېزلىق پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتى مائارىپنى قوللاش ، مائارىپقا ياردەم بېرىشنى ئەمەلىي ھەركىتى ئارقىلىق ئىپادىلىدى. 
      مۇش يېزلىق پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتى بۇ يىل 3- ئايدىن 5- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ، يېزا تەۋەسىدىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ خەتەرلىك ، ئۆرۈلۈپ چۇشكەن 960 مېتىر ھويلا تېمىنى يېڭىلاپ قوپۇرۇپ بەردى. بۇ يېزا يەنى ئادەم كۇچى تەشكىللەپ ، يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە 200 مو ، مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپكە 300 مو يەرگە ئاق جىغان كۆچىتى تىكىپ بېرىپ ، مەكتەپنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. بىر مەكتەپكە  ۋاستىكبول مەيدانى قۇرۇپ بەردى. ھەرقايسى ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ يېشىللىق بەرپا قىلىشىغا ئەھمىيەت بېرىپ ، ئالتە مەكتەپنىڭ 18 مىڭ 900 كۋادىرات مېتىر تەنتەربىيە ، پۇتبۇل مەيدانلىرىغا چىم ياتقۇزۇپ كۆكەرتىپ بەردى. ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ ئىچىدىكى بوشلۇقلارغا گۈللۈك بەرپا قىلىش ، چىم تېرىش ، گۈل كۆچۈرۈش ۋە سۇغۇرۇش قاتارلىق ئىشلارغا مەخسۇس خادىم ئاجىرتىپ ۋاقتىدا سۇغۇرۇپ ، مەكتەپنىڭ كۆكەرتىلىشىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى . يېزدىن ۋە ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن 50  كىشىلىك مەخسۇس تەكشۇرۇش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ ، مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىك خىزمەتلىرىنى ھاقتىدا تەكشۈرۈش ، كۆرۈلگەن بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا يېزىغا دوكىلات قىلىپ ، مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەر ئورۇن ھازىرلىشىغا پۇختا ئاساس سالدى. تەكشۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى مەكتەپ ئەتىراپىدىكى 200 مېتىر دائىردىكى يېمەكلىك ، سوغۇق ئىچىملىك دۇكانلىرىنى قەرەللىك تەكشۇرۇپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلەت يېمەكلىكلەردىن ، سوغۇق ئىچىملىكلەردىن زەھەرلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ، مائارىپنىڭ ئىككى ئاساسەن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە پۇختا ئاساس ياراتتى.

 

سۇرەتتە : ئىشچىلار مەكتەپ ھويلا تېمىنى مۇستەھكەملىمەكتە

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ