|
·مۇشۇئاينىڭ 27 – كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئولتۇراق ئۆي جامائەت فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزىدىن ئىگىلىنىشىچە، 6 - ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئولتۇراق ئۆي جامائەت فوندىدىن قەرز ئېلىپ، سېلىنغىنىغا 15 يىلدىن ئاشقان ئۆي سېتىۋالغاندىكى دەسلەپ تاپشۇرىدىغان پۇلنىڭ نىسبىتى 40 پىرسەنتكە تەڭشەلگەن. سېتىۋالماقچى بولغان ئۆينىڭ سېلىنغىنىغا 30 يىلدىن ئاشقان بولسا، ئولتۇراق ئۆي جامائەت فوندى قەرزى بېرىلمەيدىكەن.
·قازاقىستان ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىنڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، قازاقىستان پايتەختى ئاستانىدىن جۇڭگو ئۈرۈمچى شەھىرىگە قاتنايدىغان خەلقئارا يولۇچىلار نۆۋەتچى پوىيىزى مۇشۇ ئاينىڭ 27 – كۈنى رەسمىي قاتناشقا باشلىغان.
·جۇڭگو تاشقى پىروۋوت سودا مەركىزىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تۈنۈگۈن خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىش نىسبىتى ئارىلىق باھاسى 6 يۈەن 9 مو 4 پۇڭ 0.2 لىدا مەلۇم قىلىنىپ، ئالدىنقى سودا كۈنىدىكى ئاساستا داۋاملىق ئازراق ئۆرلىگەن. تۈنۈگۈن، بانكىلار ئارا تاشقى پىروۋوت بازىرىدا، بىر ئامېرىكا دوللىرى 6 يۈەن 9 مو 4 پۇڭ 0.2 لىغا، بىر ياۋرو 10 يۈەن 8 مو 6 پۇڭ 0.7 لىغا، 100 ياپونىيە يىنى 6 يۈەن 6 مو 2 پۇڭ 5 لىغا، بىر شياڭگاڭ پۇلى 8 مو 8 پۇڭ 9.3 لىغا، بىر ئەنگىلىيە فوند سىتىرلىڭى 13 يۈەن 7 مو 4 پۇڭ 10 لىغا ئايرىۋاشلاندى.
·مالىيە مىنىستىرلىكى مۇشۇ ئاينىڭ 28 – كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، گوۋۇيۈەن تاموژنا باج پىرىنسىپى كومىتېتىنىڭ يېقىندا ئالتە تۈردىكى 26 خىل تاۋارغا قارىتىلغان ئىمپورت تاموژنا باج نىسبىتىنى تەڭشىگەنلىكىنى، قىسمەن يېمەكلىك، دورا، پاختا قاتارلىق تاۋارلارغا قارىتىلغان ئىمپورت تاموژنا باج نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىتىلگەنلىكىنى، تەڭشەلگەندىن كىيىنكى ئىمپورت تاموژنا باج نىسبىتىنىڭ 6 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
·ئېلېكتىر ئېنىرگىيە، پولات–تۆمۈر، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ۋە خېمىيە سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان كۆمۈر كۆمۈرگە بولغان ئومۇمىي ئېھتىياجنىڭ تەخمىنەن 90 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ، دۆلىتىمىز نىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات ۋەزىيىتى ۋە ئاساسلىق كەسپلەرنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە ئاساسەن، كەلگۈسى بىر قانچە يىلدا دۆلىتىمىزنىڭ كۆمۈرگە بولغان ئېھتىياجى يىلىغا تەخمىنەن 10 پىرسەنتتىن ئاشىدىكەن، 2008–، 2009 –ۋە 2010 – يىللىرى مەملىكىتىمىزنىڭ كۆمۈرگە بولغان ئومۇمىي ئېھتىياجى ئايرىم ھالدا 2 مىليارد 770 مىليون 495 مىڭ توننا، 3 مىليارد 43 مىليون 503 مىڭ توننا، 3 مىليارد 311 مىليون 951 مىڭ توننا بولىدىكەن.
|