|
6 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۆي – مۈلۈك ئىدارىسىنىڭ نىمكەش ئۆي مەبلىغىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش سىستىمىسى رەسمىي يولغا قويىلىدۇ، بۇنىڭدىن كىيىن، شەھەر ئاھالىلىرى ۋاستىچى شىركەتلەرگە ئۆي سېتىشنى ھاۋالە قىلغاندا، ۋاستىچى شىركەتلەرنىڭ پۇلنى ئېلىپ يوقاپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ. مۇشۇ ئاينىڭ 28 – كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۆي – مۈلۈك سودا مەركىزىدىن ئىگىلىنىشىچە، 1 – ئىيۇن ئۈرۈمچى شەھىرىدە نىمكەش ئۆي سودىسىدا مەبلەغنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش يولغا قويۇلغاندىن كىيىن، سودا مەبلىغى مەخسۇس ئامانەت ھىساباتىدا توڭلىتىلىدىكەن، ۋاستىچىلىك توختامىدا بەلگىلەنگەن شەرتلەر تاماملانغاندىن كىيىن، پۇل ساتقۇچىنىڭ ھېسابىغا يۆتكەپ بېرىلىدىكەن .
|