|
·ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 29 – مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سابىق باش كاتىپى ئاننان28–ماي مۇنداق دىگەن: ‹‹ئافرىقىنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان ئاشلىق كىرىزىسىگە تاقابىل تۇرۇشى ئۈچۈن بىر مەيدان يېشىل ئىنقىلاپ بېرىش زۆرۈر بولماقتا. ئۇنداق بولمايدىكەن، ئافرىقىدا نۇرغۇن ئادەم ئاچلىق سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ›› .
·ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى رائىس 29 – ماي ستوكھولىمدا مۇنداق دېدى: ‹‹ئامېرىكا تېخىمۇ كۆپلىگەن ئىراقلىق مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىدۇ ھەمدە ئىراقنىڭ قايتا قۇرۇش ئىشلىرى ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ›› .
·كورىيە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكى 29 – ماي ، كالا غالجىرلىق كېسەللىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان قارشىلىق ساداسى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بولسىمۇ، كورىيىنىڭ ئامېرىكىدىن كالا گۆشى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش بويرۇقىنى بىكار قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
·ئىسرائىلىيىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى 29 – ماي ئېلان قىلغان خەلق رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيىدىكى %70 ئادەم ‹‹زۇڭلى ئولمېرتنى تەختتىن چۈشۈشى كېرەك›› ، دەپ قارايدىكەن. پەقەت %10 ئادەملا ئولمېنتنىڭ داۋاملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنى قوللايدىكەن.
·فېلىپپىن دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ماسلاشتۇرۇش كومىتېتى 29 – ماي ئېلان قىلغان سانلىق ماتىرىياللارغا قارىغاندا، بۇ يىل 1–پەسىلدە، فېلىپپىننىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %5.2 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى %7لىك ئېشىش سۈرئىتىدىن تۆۋەن بولغان.
·ئىراقتىكى سەھىيە تارماقلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 29 – ماي ، ئىراقنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان نىنىۋېت ئۆلكىسىدىكى بىر ساقچى قوبۇل قىلىش مەركىزىدە ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھوجۇمى يۈز بېرىپ، ئاز دىگەندىمۇ 16 ئادەم ئۆلگەن، 18 ئادەم يارىلانغان.
·موڭغۇلىيە دۆلەتلىك جىددىي ئەھۋال باش ئىدارىسى 29 – ماي مۇنداق دېدى: ‹‹مۇشۇ ئاينىڭ 26–كۈنىدىن بۇيانقى كۈچلۈك بوران– چاپقۇن موڭغۇلىيىنىڭ ئوتتۇرا ۋە غەربىي قىسىم رايونىدىكى 7 ئۆلكىگە ھوجۇم قىلدى. ھازىرغىچە، 14 بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 44 ئادەم توڭلاپ ئۆلدى›› .
|