|
شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي – قانۇن فاكۇلتېتى قانۇن كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى لى مو 21 – ماي مۇنداق دېدى: ‹‹مەكتەپ ماڭا ئوخشاش ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپ گېزىتىنى تارقىتىش خىزمىتى ئورنىنى تەسىس قىلدى، ئېيىغا 100 يۈەنگە ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇش پۇلى ئالىمەن، بۇ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقىمنى بەلگىلىك دەرىجىدە يېنىكلەتتى.››
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاشلىق، ياغ، گۆش قاتارلىق قوشۇمچە يېمەكلىك باھاسىنىڭ ئۆسۈشى لى موغا ئوخشاش ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا خېلى ئېغىر ئىقتىسادىي يۈك بولۇپ قالدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەر ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشنى ئوڭۇشلۇق تاماملىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، پائال ياردەم بېرىش تەدبىرىنى قوللاندى.
ئەتىيازلىق ئوقۇش مەۋسۇمى باشلانغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز مەكتەپتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تاماق ياردەم پۇلىنى ئەسلىدىكى 10 يۈەندىن 20يۈەنگە ئۆرلەتتى، ئۇنىڭدىن باشقا، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا 80يۈەن ۋاقىتلىق ياردەم پۇلى بەردى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدىلا 13مىڭ 682 ئوقۇغۇچى بۇ ياردەمگە ئېرىشكەن بولۇپ، مەكتەپلەر ياردەم پۇلىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماق كارتىسىغا ئۇرۇۋەتكەن.
شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئارقا سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شۈ ياۋزۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل مەكتىپىمىز ئىككى مىليون 500مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇردى، مەكتىپىمىز يەنە 500مىڭ يۈەن ۋاقىتلىق ياردەم فوندى تەسىس قىلدى، تۇرمۇشتا ۋاقىتلىق قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ئوقۇغۇچىلار ھەپتىدە 40 يۈەن ياردەم پۇلى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىپ، ئاساسىي تۇرمۇش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلسا بولىدۇ. جەنۇبىي جۇڭگودىكى كۆپلىگەن رايونلار يامغۇر، قار ئاپىتىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، مەكتىپىمىز يەنە ئاپەت رايونىدىن كەلگەن 144 ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر بىرىگە 200 يۈەن تۇرمۇش ياردەم پۇلى بەردى. شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ بىر خىزمەتچىسى دېدى: ئائىلىسىدە ۋاقىتلىق قىيىنچىلىق كۆرۈلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن، مەكتىپىمىز 300 يۈەندىن 500 يۈەنگىچە تۇرمۇش ياردەم پۇلى تەسىس قىلدى. شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى 1 – ئىيۇلنى ‹‹ قىيىنچىلىقى ئېغىر ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش كۈنى›› قىلىپ بېكىتتى، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەر بىر كۈنلۈك ئىش ھەققىنى ئىئانە قىلىپ، ‹‹پارتىيە ئەزالىرى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش فوندى›› قۇردى.
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەر ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇش ئىش ئورۇنىنى كەڭ دائىرىدە تەسىس قىلدى. شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ يىل 500 ئىش ئورنى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى 800 ئىش ئورنىنى يېڭىدىن كۆپەيتىپ تەسىس قىلدى. شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇۋاتقان ستۇدېنت 500دىن ئاشتى، مەكتەپ ھەر يىلى 400مىڭ يۈەنگە يېقىن پۇل ئاجرىتىپ، مەكتەپتىكى ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ستۇدېنتلارنىڭ ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇش ھەققىگە تارقىتىدۇ. ھازىر ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇش ئىش ئورنى ئەمگەك – مۇلازىمەت خاراكتېرىدىكى خىزمەتتىن ئوقۇشقا ياردەم بېرىش، تەتقىقاتقا، باشقۇرۇشقا ياردەملىشىش، تەھرىرلىك، ئوقۇغۇچىلار ياتىقىنى باشقۇرۇش، تور ئاسراش قاتارلىق ساھەلەرگە كېڭىيىپ، دائىرىسى مەكتەپ ئىچىدىن مەكتەپ سىرتىغا قاراپ يۈزلەندى.
ئوقۇشقا ياردەم بېرىش يوللىرىنى پائال كېڭەيتىش – ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشتىكى مۇھىم تەدبىرى. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ، ئىنستىتۇت دەرىجىلىك ئوقۇغۇچىلارغا قەرز بېرىشنى تەستىقىلاش خىزمىتى ھەرىكەت مېخانىزمىنى يولغا قويدى. شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى ھەر يىلى 10مىليون يۈەن ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئاجىرىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىرىشىپ ئۆگىنىشىگە ئىلھام بەردى، ھازىر ئۇنىڭ قاپلاش دائىرىسى %50تىن ئاشتى. بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ نازۇك خىمىيە سانائىتى كەسپى 2006 – يىللىق سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىسى جاڭ ياڭياڭ 10مىڭ يۈەنگە يېقىن ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىغا ئېرىشكەندىن كېيىن ناھايىتى ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى: ئائىلىمىزدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقىمىز ئېغىر بولسىمۇ، ئەمدى ئوقۇش پۇلىدىن غەم قىلمايدىغان بولدۇم.
|