باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق–ياغ بازىرىدىكى باھا مۇقىم بولۇش يۈزلىنىشى داۋاملىشامدۇ؟
2008- 05- 30 10:03 شىنجاڭ گېزىتى

     يېقىندىن بۇيان خەلقئارادا ئاشلىق باھاسى سىجىل ئۆرلىدى، ئېلىمىزنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ئامما ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق – ياغ بىلەن تەمىنلەش – ئېھتىياج ۋە باھا ئەھۋالىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلدى. مۇخبىر بۇ مەسىلە توغرىسىدا زىيارەت قىلىش داۋامىدا، ھازىر ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق ۋە يېمەكلىك ياغ ئامبار زاپىسىنىڭ نىسبەتەن يېتەرلىك، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنىڭ ئاساسەن تەڭپۇڭ، باھانىڭ ئومۇمەن مۇقىم ئىكەنلىكىنى ئىگىلىدى.
مۇخبىر 7 – ماي بېيجىڭ شەھىرى شۈەنۋۇمىن ئەتراپىدىكى ‹‹ۋال مارت›› تاللا بازىرىدا نەچچە ئون خىل ماركىدىكى خالتىلىق گۈرۈچ، ئۇن ۋە تۇڭغا قاچىلانغان يېمەكلىك ياغلىرىنىڭ مال جازىلىرىغا لىق تىزىلغانلىقىنى كۆردى. ئۇنىڭ ئىچىدە ئېلىمىزنىڭ شەرقىي شىمال رايونى ۋە جەنۇبىدا ئىشلەپ چىقىرىلغان گۈرۈچمۇ، تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئىمپورت قىلىنغان گۈرۈچمۇ، كۆممىقوناق يېغى، كانىماش يېغى، خاسىڭ يېغى ۋە تۈرلۈك تەڭشەلمە ياغلارمۇ بار ئىدى.

     گۈرۈچ سېتىۋېلىۋاتقان دۇ خانىم مۇنداق دېدى: بۇلتۇردىن بۇيان ئاشلىق، ياغ باھاسىنىڭ ئۆرلىشى نىسبەتەن تېز بولدى، لېكىن تېخى كېرەكلىك نەرسىلەرنى سېتىۋالالماسلىق ئەھۋالىغا يولۇقۇپ باقمىدىم، ھازىر بازاردا ئاشلىق، ياغ قاتارلىق تاۋارلار ناھايىتى مول، ئالىي، ئوتتۇراھال، تۆۋەن دەرىجىدىكى تاۋارلارنىڭ ھەممىسىنى تاپقىلى بولىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ تاللاش دائىرىسى ناھايىتى كەڭ، بۇ نەرسىلەرنى تالىشىپ سېتىۋېلىپ، ئۆيگە بېسىۋېلىشىمىز ھاجەتسىز.

     مەملىكەت بويىچە ئامبار زاپىسىدىن قارىغاندا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى 6 – ماي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر جايلاردا يەرلىك زاپاس ئاشلىق ئاپپاراتلىرى قۇرۇلۇپ، تۈر، قۇرۇلمىلىرى نىسبەتەن مۇۋاپىقلاشتۇرۇلدى ھەم تەييار ئاشلىق، ياغ زاپىسى ئاشۇرۇلدى. ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق ئامبار زاپىسى ئىستېمال نىسبىتى خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنىدىغان %17  – %18 لىك ئاشلىق بىخەتەرلىك چېكى سەۋىيىسىدىن يۇقىرى بولماقتا.

     بۇ يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزدە ئاشلىق، ياغ باھاسى ئومۇمەن مۇقىم بولۇۋاتىدۇ. سودا مىنىستىرلىكىنىڭ بازارنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، 4 – يانۋار مەملىكەت بويىچە بىر كىلوگرام ئاشلىقنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى 4.14 يۈەن بولغان بولسا، 2 – ماي 4.20 يۈەنگە ئۆرلەپ، بىر كىلوگرام ئاشلىق باھاسى ئالتە پۇڭلا ئۆرلىگەن. ئاشلىق بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ياغنىڭ ئۆسۈشى نىسبەتەن كۆرۈنەرلىك بولغان. 4 – يانۋار مەملىكەت بويىچە بىر كىلوگرام  ياغنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى 14.77 يۈەن بولغان بولسا، 2 – ماي 16.36 يۈەنگە ئۆرلەپ، بىر كىلوگرام ياغ باھاسى 1.59 يۈەن ئۆرلىگەن.

     شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مەملىكەتلىك يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى باھاسىنىڭ بازار ئەھۋالىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش سىستېمىسىدا ئۆلچەپ تەكشۈرۈشىچە، 4 – ئايدا تەييار ئاشلىقنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 3 – ئايدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئازراق ئۆرلەپ، ھەر بىر جىڭ ئاشلىقنىڭ باھا پەرق دائىرىسى 0.2 يۈەن ئىچىدە بولغان.  ياغنىڭ باھاسى سەل تۆۋەنلەپ، تۆۋەنلەش نىسبىتى % 0.8 تىن% 1.2 كىچە بولغان.

     دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى 6 – ماي مۇنداق كۆرسەتتى: ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق بازىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، بازاردىكى ئاشلىق باھاسىنىڭ ئاساسەن مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن، دۆلەت ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت، ئامبار زاپىسى ۋە ئىمپورت – ئېكسپورتنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتلەردە بىر قاتار تەدبىر قوللاندى. ئېلىمىزدە ئاشلىق مەنبەسى يېتەرلىك بولۇۋاتقان، ئاشلىق ئېكسپورتى قاتتىق كونترول قىلىنىۋاتقان ئەھۋالدا، خەلقئارا بازاردىكى ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ئېلىمىز بازىرىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.

     سودا مىنىستىرلىكى بازار ھەرىكەت مەھكىمىسىدىكىلەر 7 – ماي تەھلىل قىلىپ مۇنداق قارىدى: تۆمۈر يول مىنىستىرلىكى شەرقىي شىمال رايونىدىن 10  مىليون توننا ئاشلىقنى مەركەزلىك جىددىي توشۇيدۇ، كېيىنكى مەزگىلدە جەنۇبىي رايونلاردا گۈرۈچ تەمىناتى يېتەرلىك بولۇپ، باھا مۇقىم بولىدۇ. ھازىر ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان ۋە ئاشلىق كۆپ سېتىلىدىغان رايونلىرىدىكى ئۇن زاۋۇتلىرىدا بۇغداينىڭ ئامبار زاپىسى خېلى يېتەرلىك، قىسقا مۇددەت ئىچىدە بۇغداي باھاسىنىڭ داۋاملىق مۇقىم بولىدىغانلىقى، چوڭ داۋالغۇش بولمايدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

     ياغ باھاسىنىڭ يۈزلىنىشى توغرىسىدا سودا مىنىستىرلىكىدىلەر: كېيىنكى مەزگىلدە كانىماش يېغىنىڭ باھاسى ئاز نىسبەتتە تەڭشىلىپ تۇرۇش ۋەزىيىتى داۋاملىق ساقلىنىشى؛ قىچا يېغى بازىرىدا باھا ئىزچىل تۆۋەنلەپ، زور نىسبەتتە ئۆرلەش مۇمكىنچىلىكى  بولماسلىقى؛ قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئېلىمىزدە كانىماش يېغىنىڭ باھاسى ھازىرقى باھا ئەتراپىدا ئازراق تەۋرىنىشى مۇمكىن، دەپ مۆلچەرلىدى.

     بېيجىڭ ‹‹گۈزەل زېمىن›› ئاشلىق، ياغ توپ سېتىش بازىرى ئۇچۇر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ جىڭلياڭمۇ مۇنداق قارىدى: مەيلى ئاشلىق ياكى ئۇنغا نىسبەتەن بولسۇن، ھەر يىلى 5 – ئايدىن 8 – ئايغىچە ئىستېمالنىڭ ئەنئەنىۋى كاسات مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ. ھازىرقى بازار ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئاشلىق، ياغ باھاسىنىڭ 2 – پەسىلدە زور دەرىجىدە ئۆرلەش مۇمكىنچىلىكى يەنىلا چوڭ ئەمەس.

     لېكىن، كەسىپ ئەھلىلىرى مۇنداق كۆرسەتتى: يىراق  كەلگۈسىدىن قارىغاندا، ئېلىمىزدە ئاشلىق، ياغ تەمىناتى ۋە باھانىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش بېسىمى ئىزچىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئاشلىق ئېكسپورتىنى كونترول قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەر داۋاملىق يولغا قويۇلۇشى ۋە كۈچەيتىلىشى كېرەك.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى  

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ