|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، باغداد، 25 – ماي تېلېگراممىسى. ئىراق ئولىمپىك كومىتېتى 25 – ماي ھۆكۈمەتنى ئىراق ئولىمپىك كومىتېتىنى تارقىتىۋېتىش قارارىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا قايىل قىلالمىدى، بۇ ئىراقنىڭ بۇ يىل يازدا بېيجىڭ ئو ت م گە قاتنىشالماسلىق مۇمكىنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئىراق ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى مۇ. ئا. ئەلى تېلېفوندا، ئىراق ئولىمپك كومىتېتى بىلەن ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى شۇ كۈنى سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، ئىككى تەرەپنىڭ بىردەكلىك ھاسىل قىلالمىغانلىقىنى دەلىللىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئىراق ئولىمپىك كومىتېتى يىغىن ئېچىپ، بارلىق تەنتەربىيە جەمئىيەتلىرىنىڭ دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى قارار قىلدى.
ئىراق ھۆكۈمىتى 21 – ماي ئىراق ئولىمپىك كومىتېتى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىكىدىكى تەنتەربىيە جەمئىيەتلىرىنى تارقىتىۋېتىدىغانلىقىنى شۇنداقلا ۋاقىتلىق كومىتېت تەشكىللەپ ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ خىزمىتىنى ئۆتكۈزۈۋالىدىغانلىقىنى ھەم ئۈچ ئاي ئىچىدە ئىراق ئولىپمىك كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى قايتىدىن سايلاپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىغا قارىتا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئارقىدىنلا ئەگەر ئىراق ھۆكۈمىتى يەتتە كۈن ئىچىدە دۆلىتىنىڭ ئولىمپىك كومىتېتىنى تارقىتىۋېتىش قارارىنى بىكار قىلمىسا، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئىراقنىڭ بۇ يىل 8 – ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئو ت م نى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشىنى چەكلەيدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.
|