|
سىچۇەن ئۆلكىلىك تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جۇ لىڭ 25 – ماي شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: سىچۇەننىڭ ۋېنچۇەن ناھىيىسىدە 12 – ماي يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، سىچۇەنلىك تەنھەرىكەتچىلەر مەشىقتە قىينىلىپ قالدى. دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ غەمخورلۇقى، ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، ئېلىمىزدىكى 15 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، ئاپتونوم رايون ئۇلارغا ياردەم قولىنى سۇندى، ھازىرغىچە، بېيجىڭ ئو ت م ۋە كېلەر يىللىق مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىدىغان بىرىنچى سەپتىكى سىچۇەنلىك ماھىرلار باشقا جايغا يۆتكىلىپ مەشىق قىلماقتا.
مۇخبىر 25 – ماي ئۆلكىلىك تەنتەربىيە ئىنستىتۇتى، شىپۇ يېنىك ئاتلېتىكا مەشىق بازىسى قاتارلىق جايلاردىكى مەشىق مەيدانلىرىنىڭ ئىلگىرىكىگە ئوخشىماي قالغانلىقىنى، بۇ يەرلەرنىڭ بەزىلىرىگە ئاھالىلەر چېدىر قۇرغانلىقىنى، بەزى سورۇنلارنىڭ پېچەتلەنگەنلىكىنى، ئامانلىق ساقلىغۇچىلارنىڭ سىرتتا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۆلكىلىك سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىنىڭمۇ تاقالغانلىقىنى كۆردى.
كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ماھىرلار ئۆزىنى ۋاقتىدا چەتكە ئالغانلىقتىن، ئۆلۈش – يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى، ئەمما چېڭدۇ شەھىرى ۋە يېقىن ئەتراپتىكى بەزى مەشىق مەيدانى، ساراي، ياتاقلارغا دەز كەتتى.
بىرىنچى سەپتە نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان سىچۇەن ئۆلكىلىك تەنتەربىيە ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى جاڭ رۇڭۋېي مۇنداق دېدى: سىچۇەندە بېيجىڭ ئو ت م گە تەييارلىق قىلىۋاتقان 20دەك ماھىر بار، يەنە نەچچە يۈز ماھىر بىرىنچى سەپتە كېلەر يىللىق مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. قالدۇق يەر تەۋرەش توختىمىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپلىگەن ئاھالە تەنھەرىكەت مەيدانىغا چېدىر تىككەنلىكى ئۈچۈن، ماھىرلارنىڭ نورمال مەشىق قىلىشى قىيىن بولدى.
جۇ لىڭ مۇنداق دېدى: ۋېنچۇەندە يەر تەۋرەپ، سىچۇەن ماھىرلىرىنىڭ مەشىق قىلىشى تەسىرگە ئۇچرىدى، بۇ مەملىكەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى، شۇنىڭ بىلەن ھەر قايسى مەھكىمە، تەنھەرىكەت باشقۇرۇش مەركەزلىرى جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ خىزمىتىمىزنى قوللىدى. ھەر قايسى قېرىنداش ئۆلكە، (ئاپتونوم رايون)، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى ئارقا – ئارقىدىن بىز بىلەن ئاكتىپ ئالاقىلىشىپ، قىيىنچىلىقىمىزنى ھەل قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىپ، ماھىرلىرىمىزنى ئۆز رايونىغا بېرىپ مەشىق قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. خۇبېي، شەندۇڭ، گۇاڭشى قاتارلىق جايلاردىكى تەنتەربىيە ئىدارىلىرى سىچۇەنلىك تەنھەرىكەتچىلەر بۇ جايغا كېلىپ مەشىق قىلسا ھەق ئالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىز يولداشلارنىڭ بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ھەممە تەرەپ ياردەم بېرىشتەك روھىدىن چوڭقۇر تەسىرلەندۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم 30 نەچچە كوماندىدىن 600دىن ئارتۇق تەنھەرىكەتچى سىچۇەندىن ئايرىلىپ، باشقا جايدا مەشىق قىلىشقا كەتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى بېيجىڭ ئو ت م ۋە مەملىكەتلىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىۋاتقان بىرىنچى سەپتىكى ماھىرلار بولۇپ، ئۇلار بېيجىڭ، شاڭخەي، جياڭسۇ، شەندۇڭ، خېنەن، گۇاڭشى، گۇاڭدۇڭ، شەندۇڭ، خۇ بېي، يۈننەن، گۇيجۇ، شەنشى، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق 15 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە ئاپتونوم رايونغا بېرىپ مەشىق قىلماقتا. ئىگىلىنىشىچە، سىچۇەنلىك ماھىرلارنىڭ مەشىقى، تۇرمۇشىنى جايلاردىكى تەنتەربىيە ئىدارىلىرى ئەستايىدىل ئورۇنلاشتۇرغان، ماھىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسىمۇ ناھايىتى ياخشى بولغان.
مەملىكەتلىك چېلىشىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە 2 – بولغان شيې خۇڭنىڭ ئائىلىسى سىچۇەننىڭ ئابا ئوبلاستى ماۋشيەن ناھىيىسى ۋادى يېزىسىدا بولۇپ، يەر تەۋرەشتە ئۇنىڭ ئۆيى ئۆرۈلۈپ كەتكەن، ئاتا – ئانىسى بەختكە يارىشا ھايات قالغان، ئۇ ئۆيىدىكىلەر بىلەن يەتتە كۈن ئالاقىلىشەلمىگەن. بۇ قېتىم ئۇ ئەترەتتىكىلەر بىلەن گۇاڭشىغا كېلىپ مەشىق قىلدى. ئۇ: چوقۇم تىرىشىپ ياخشى مەشىق قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ غەمخورلۇقى، مېھىر – شەپقىتىگە جاۋاب قايتۇرىمەن، دېدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى
|