باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
ئاخبارات خەۋەرلىرى ئارقىلىق خەلقنىڭ ئاپەتنى يېڭىپ، يۇرت–ماكانىنى قايتا قۇرۇش ئىشەنچىسى ۋە غەيرىتىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇڭلار
2008- 05- 30 09:50 شىنجاڭ گېزىتى

     خۈي لياڭيۈ تاڭجياشەندىكى توسۇلما كۆل خەتىرىدىن مۇداپىئەلىنىش نەق مەيدانىدا ئاخباراتچىلارنى يوقلىغاندا مۇنداق دېدى:

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، سىچۇەن تاڭجياشەن تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەن يەرتەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش باش قوماندانلىق شتابىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى خۈي لياڭيۈ 27 – ماي چۈشتىن بۇرۇن تاڭجياشەندىكى توسۇلما كۆل خەتىرىدىن مۇداپىئەلىنىش نەق مەيدانىدا ئاخباراتچىلارغا مۇنداق دېدى:‹‹ سىلەر قاتمۇ قات قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، توسۇلما كۆل خەتىرىدىن مۇداپىئەلىنىشنىڭ بىرىنچى سېپىگە بېرىپ، ناھايىتى ياخشى كەسىپ روھى ۋە كەسىپ ئەخلاقىنى نامايان قىلدىڭلار. ئاخباراتچىلارنىڭ يەرتەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە توسۇلما كۆل قاتارلىق جايلاردا ئەگەشمە ئاپەتلەردىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە داۋاملىق ئوبيېكتىپ، توغرا، ۋاقتىدا خەۋەر قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئاپەت رايونىدىكى خەلققە بولغان غەمخورلۇقى ۋە توسۇلما كۆل تېشىش خەتىرىدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى يەتكۈزۈپ، ھەردەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر، كوماندىر – جەڭچىلەر ۋە قۇرۇلۇش تېخنىكلىرىنىڭ جاپا – مۇشەققەت، خېيىمخەتەرلەرنى يېڭىپ، توسۇلما كۆلىدىكى خەتەرنى تۈگىتىپ، يەرتەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىرادىسى ۋە ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈشىڭلارنى، خەلقنىڭ تەبىئىي ئاپەتنى يېڭىپ،  يۇرت – ماكانىنى قايتا قۇرۇش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.››

     ئۇ بەزى مۇخبىرلارنىڭ ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمىنىڭ بىرىنچى تۈركۈمدىكى زەربىدارلار ئەترىتىگە ئەگىشىپ، خېيىمخەتەردىن قورقماي، تاڭجياشەندىكى توسۇلما كۆل خەتىرىدىن مۇداپىئەلىنىش نەق مەيدانىغا پىيادە بارغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ،   مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: ‹‹سىلەر ناھايىتى باتۇر ئىكەنسىلەر، يەر تەۋرىگەندىن بۇيان، ئاخبارات ئورۇنلىرى يەرتەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ۋاقتىدا تولۇق خەۋەر قىلدى، نۇرغۇن خەۋەر مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا غايەت زور تەسىر قوزغاپ، ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولدى. سىلەرنىڭ روھىڭلار خەلقنى تەسىرلەندۈردى، سىلەر پۈتۈن مەملىكەتتىكى يەرتەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈچىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى، مەن ئاخباراتچىلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!››
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ