|
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى چېن فېڭ فۇجېن 19 – ماي: يېمەكلىك ئۆكسۈكچىلىكى، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە يۇقۇملۇق زۇكام ھازىرقى دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان ئۈچ چوڭ ئاساسىي تەھدىت، خەلقئارا جەمئىيەت بۇ تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇشقا تولۇق تەييارلىق كۆرۈشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.
چېن فېڭ فۇجېن 19 – ماي باشلانغان 61 – قېتىملىق دۇنيا سەھىيە يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ھازىر دۇنيا يېمەكلىك باھاسى ئۆرلەپ كېتىش كرىزىسىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، بۇ كرىزىس نامراتلارغا زور زەربە بولدى، شۇنداقلا بەزى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزدى. تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بۇ كرىزىسنىڭ سەۋەبى مۇرەككەپ، كرىزىسنىڭ تەسىرى چوقۇم بىر مەزگىل داۋاملىشىدۇ.
ئۇ مۇنداق دېدى: يېتەرلىك ئوزۇقلۇق تەن سالامەتلىكنىڭ ئاساسى، ھازىر ھەر يىلى يەنىلا 3 مىليون 500 مىڭدەك كىشى ئوزۇقلۇق ناچار بولۇش تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ. نامرات ئائىلىلەر كىرىمىنىڭ تەخمىنەن %50 – %75 ىنى يېمەكلىك سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىۋاتىدۇ. يېمەكلىك چىقىمىنىڭ كۆپ بولۇشى ساقلىقنى ساقلاشقا ئىشلىتىلىدىغان پۇلنىڭ شۇنچە ئاز بولىدىغانلىقىدىن، نامراتلار سالامەتلىكىنىڭ تېخىمۇ زور تەسىرگە ئۇچرايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
چېن فېڭ فۇجېن مۇنداق دېدى: ھازىرقى دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان 2 – چوڭ كرىزىس كىلىمات. گەرچە كىلىمات ئۆزگىرىشى تەدرىجىي جەريان بولسىمۇ، بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان ھاۋا رايى ھادىسىسىنىڭ تەسىرى ئىنتايىن زور بولىدۇ.
ئۇ مۇنداق دېدى: نامراتلار كىلىمات ئۆزگىرىشى كرىزىسىدە ئەڭ ئاۋۋال ۋە ئەڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرايدۇ. ھازىر كىلىمات ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان قۇرغاقچىلىق ۋە ئىسسىق بەلباغ بورىنى قاتارلىق ئاپەتلەر بەزى نامرات رايونلارغا زىيادە بېسىم پەيدا قىلىش بىلەن بىللە، خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يۈكىنى ئاشۇرۇۋەتتى.
چېن فېڭ فۇجېن يەنە مۇنداق دېدى: زۇكامنىڭ كەڭ دائىرىدە تارقىلىشى دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان 3 – چوڭ تەھدىت. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر يۇقۇملۇق زۇكام تەھدىتى ئاجىزلىمىدى، كىشىلەرنىڭ سەگەكلىكنى بوشاشتۇرۇپ قويۇشى ياكى ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىگە سەل قارىشى ئىنتايىن ئەقىلسىزلىق ھېسابلىنىدۇ.
دۇنيا سەھىيە يىغىنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئالىي تەدبىر بەلگىلەش ئاپپاراتى بولۇپ، 193 ئەزا دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى. بۇ يىلقى يىغىندا يۇقىرىقى ئۈچ چوڭ مەسىلە مۇزاكىرە قىلىنغاندىن سىرت يەنە، يۇقمايدىغان كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇلارنى كونترول قىلىش، سۈپىتى ناچار داۋالاش بۇيۇملىرى، ئىسپىرتنىڭ زىيىنى، بالىلار پارالىچ كېسىلى، چېچەك ۋىرۇسى ئامبىرى قاتارلىق بىر قاتار جامائەت سەھىيە مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى
|