باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
دۇنيادا ئەرزان ئاپتوموبىل جېڭى باشلىنىدۇ
2008- 05- 29 18:04 شىنجاڭ گېزىتى

     دۇنيادا پات ئارىدا ئەرزان ئاپتوموبىل جېڭى باشلىنىدۇ. ھىندىستاننىڭ ‹‹بازاجې›› ئاپتوموبىل شىركىتى يېقىندا يېڭى دېھلىدا فرانسىيىنىڭ ‹‹رېناۋلت›› شىركىتى، ياپونىيىنىڭ ‹‹توتوتا›› ئاپتوموبىل شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ ئەرزان پىكاپ ياسايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

     باشقا داڭلىق ئاپتوموبىل شىركەتلىرىمۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەرزان ئاپتوموبىل ئىشلەپ چىقىرىپ، رىقابەت كەسكىن بولۇۋاتقان ئەرزان ئاپتوموبىل بازىرىنى تالاشماقچى بولۇۋاتىدۇ.

     ‹‹تاتا›› شىركىتىنىڭ ئاپتوموبىلى ئەڭ ئەرزان

     ھىندىستان ‹‹بازاجې›› ئاپتوموبىل شىركىتى بۇ خەۋەرنى جاكارلىغان باياناتىدا: بىز مەخسۇس ئەرزان پىكاپ تەتقىق قىلىۋاتىمىز، بىز ئۇنىڭغا ULC دەپ نام قويدۇق، ئۇ ‹‹دەرىجىدىن تاشقىرى ئەرزان›› دېگەن مەنىدە بولۇپ، 2011 – يىلى بازارغا سېلىنىدۇ، ئۇنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى 2500 دوللار، دەسلەپتە يىلىغا 400 مىڭنى ئىشلەپ چىقىرىمىز، دېدى. كەسىپ ئەھلىلىرى تەھلىل قىلىپ : بۇ ئۈچ شىركەتنىڭ بىرلىشىپ ئەرزان  ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشىغا بۇ شىركەتنىڭ بۇ يىل دۇنيا بويىچە ئەڭ ئەرزان ‹‹نانو›› ماركىلىق پىكاپ ئىشلەپ چىقارغانلىقى تۈرتكە بولدى، دەپ قارىدى.

     ھىندىستان ‹‹سىياسەتچىلەر›› گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ ئاپتوموبىل شىركىتى بىرلىشىپ ئەرزان پىكاپ ئىشلەپ چىقارسا، ھىندىستاننىڭ يېڭى گۈللەنگەن ئاپتوموبىل بازىرىدا رىقابەت كەسكىنلىشىدۇ.

     ئەرزان ئاپتوموبىل بازىرىدا رىقابەت كەسكىن بولىدۇ

     ‹‹تاتا››  شىركىتى ‹‹نانو›› ماركىلىق پىكاپنى كۆرگەزمە قىلغاندىن كېيىن، خەلقئارادىكى نۇرغۇن داڭلىق ئاپتوموبىل كارخانىسى ئارقا – ئارقىدىن ئەرزان ئاپتوموبىل ئىشلەپ چىقىرىپ، بۇ غايەت زور بازارنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ئۇنىڭ ئىچىدە ‹‹ھيونداي››، ‹‹تويوتا››، ‹‹فورد›› قاتارلىق داڭلىق ئاپتوموبىل شىركەتلىرى بار. ياپونىيىدىكى ‹‹سانائەت ئىقتىسادىي خەۋەرلىرى›› گېزىتىنىڭ يېقىندىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ھىندىستاننىڭ ئاپتوموبىل بازىرى ئىقتىسادنىڭ تېز ئېشىشىغا ئەگىشىپ تېز كېڭەيمەكتە. ئۆتكەن يىلى بازار كۆلىمى 2مىليون ئاپتوموبىلدىن ئېشىپ كەتتى. ‹‹تاتا›› شىركىتى بۇ يىلنىڭ ئاخىرى ئەڭ ئەرزان ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشنى قارار قىلىۋېدى، ياپونىيە ‹‹تويوتا›› ئاپتوموبىل شىركىتىمۇ تېزدىن ھىندىستاندا 2 – زاۋۇت قۇرۇشنى قارار قىلدى ۋە 2010 – يىلىنىڭ ئاخىرى 700 – 800 مىڭ يېن (بىر دوللار تەخمىنەن 103.7 يېنغا تەڭ) لىق ئەرزان ئاپتوموبىلنى بازارغا سالماقچى بولدى.

     ياۋروپا، ئامېرىكىدىكى ئاپتوموبىل ئىشلەپ چىقارغۇچىلارنىڭ تەننەرخنى تۆۋەنلىتىشى تەس

     ئامېرىكا ‹‹سودا›› ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: ئەرزان ئاپتوموبىل غەرب ئاپتوموبىل سودىگەرلىرىنىڭ يېڭى گۈللەنگەن دۆلەتلەر بازىرىغا كىرىش ۋاسىتىسى. ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە ياپونىيىدىكى ئاپتوموبىل بازارلىرى تەدرىجىي تويۇنۇپ، يېڭى بازار قۇرغان دۆلەتلەر بۇ كارخانىلارنىڭ نىشانىغا ئايلاندى. خەلقئارادىكى ئاپتوموبىل سودىگەرلىرى بۇ دۆلەتلەردىكى ئىستېمالچىلارنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، ئاپتوموبىلنى موتسىكلىت ئورنىدا ئىشلەپچىقىرىشى كېرەك. غەرب سودىگەرلىرى  بۇ كەسكىن جەڭگە قاتنىشىشقا مەجبۇر بولدى. باش شتابى پارىژدا بولغان ‹‹مورد›› مەسلىھەتچىلەر شىركىتى مۇنداق قارىدى: ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ ھازىرقى بىردىنبىر يۈزلىنىشى ئەرزان ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش. خەلقئارا ئاپتوموبىل بازىرى ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈشكە يۈزلىنىۋاتىدۇ، بىرسى دەرىجىدىن تاشقىرى ھەشەمەتلىك پىكاپ بىلەن بەنت، يەنە بىرسى پەيتنى قولدىن بەرمەي ئەرزان ئاپتوموبىلغا كۆز تىكىۋاتىدۇ، ئوتتۇرىدا قىسىلىپ قالغان ئاپتوموبىل بازىرى ئۈزلۈكسىز كاساتلىشىۋاتىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، 2012 – يىلىغا بارغاندا باھاسى 10 مىڭ دوللاردىن تۆۋەن ئاپتوموبىللارنىڭ سېتىلىش مىقدارى 1 مىليون 800 مىڭغا يېتىپ، دۇنيا بويىچە ئاپتوموبىل ئومۇمىي سېتىلىش مىقدارىنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىكەن.

‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى›› دىن 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ