باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
ئۈرۈمچى شەھەرلىك قىزىل گالىستۇكلۇقلار باشلانغۇچ مەكتىپى مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50يىللىقىنى كۈتۈۋالدى
2008- 05- 29 12:17 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     ‹‹1–ئىيۇن››خەلقئارا بالىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك قىزىل گالىستۇكلۇقلار باشلانغۇچ مەكتىپى مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى كۈتۈۋالدى. 5– ئاينىڭ بېشىدا، بۇ مەكتەپتىكى بارلىق پىئونېرلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەنگە بىر پارچە خەت يېزىپ، ئۆزلىرىنىڭ قىزىل گالىستۇك روھىنىڭ ئىلھامىدا بەختلىك، خۇشال - خۇرام ئۆگىنىش قىلىۋاتقانلىق ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى، بالىلارنىڭ خېتىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەكتەپ 50 يىل بۇرۇنقى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى پىئونېرلار قانات يايدۇرغان‹‹كېرەكسىز كونا نەرسىلەرنى يىغىپ سېتىش›› پائالىيىتىدە يېغىلغان پۇل بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ، يېرىم ئەسىردىن بۇيان، بۇ مەكتەپتە ئوقۇغان ھەر بىر ئوقۇغۇچى ‹‹مەن قىزىل گالىستۇكتىن پەخىرلىنىمەن، قىزىل گالىستۇك مەندىن پەخىرلىنىدۇ›› دېگەن مەكتەپ  تەلىمىنى ئەستە چىڭ ساقلىغان، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرى ئىتتىپاقلىشىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، قىزىل گالستۇكقا شان – شەرەپ كەلتۈرگەن. مانا مۇشۇنداق ئۇزاق تارىخ ۋە ئېسىل ئەنئەنىگە ئىگە مىللىي – خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە ئوقۇيدىغان بۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلىقىدىن ئۇلار ئۆزلىرىنى چەكسىز بەختلىك ۋە چەكسىز ئىپتىخارلىق ھېس قىلغان. بالىلار خېتىدە، داۋاملىق تىرىشىپ ئۆگىنىپ، قىزىل گالىستۇك روھىغا داۋاملىق ۋارسلىق قىلىپ، قىزىل گالىستۇك ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرىدىغانلىقىنى، قىزىل گالىستۇك باشلانغۇچ مەكتىپىنى پىئونېرلار خۇشال - خۇرام ئۆسۈپ يېتىلىدىغان بۆشۈككە ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

      مۇشۇ ئاينىڭ 23 –كۈنى، ۋاڭ لېچۈەن بالىلارغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلار ۋە ئۇلار ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 1 مىليون 850 مىڭ پىئونېرنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى. ۋاڭ لېچۈەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق ئۆسمۈر بالىلارنى قىزىل گالستۇك روھىنى يەنىمۇ نۇرلاندۇرۇپ، ھازىرقى ياخشى ۋاقىتنى قەدىرلەپ، تىرىشىپ ئۆگىنىشكە، ئېسىل ئەخلاق – پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ لاياقەتلىك قۇرۇلۇشچىلىرى ۋە ئىز - باسارلىرىدىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ