|
27 -ماي ،‹‹قۇياش نۇرى››قۇرۇلۇشىنى پائال قانات يايدۇرۇپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلاملىقى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى چاڭچۈندە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىدىن بىرى- چاڭچۈن شەھىرى قوشنۇر رايونىنىڭ ‹‹قۇياش نۇرى تەنتەربىيىسى››نەتىجىلىرىنى كۆرگەزمىگە قويۇشتىن ئىبارەت بولدى . كۆرگەزمە جەريانىدا ئوقۇغۇچىلار ناخشا ئېيتىش ،ئۇسسۇل ئويناش ، ئارغامچا تاقلاش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللار بىلەن ‹‹قۇياش نۇرى تەنتەربىيىسى››گە بولغان چۈشەنچىسىنى ئىپادىلەپ ، شوخ كۈلكىلىرى بىلەن كېلىش ئالدىدىكى بالىلار بايرىمىنى قىزغىن كۈتۈۋالدى .

سۈرەتتە:چاڭچۈن شەھەرلىك خۈيزۇ ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار بامبۇك ئۇسسۇلى ئوينىماقتا
|