باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
خەلقئارا خەۋەرلەر
2008- 05- 29 11:43 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

      .كامبودژا ھۆكۈمىتىدىكى بىر ئەمەلدارنىڭ ئېيتىشىچە، تېز يۇقىرى ئۆرلەۋاتقان نېفىت باھاسىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، كامبودژا ھۆكۈمىتى بۇ يىل يېقىلغۇ ماي ياردىمى ئۈچۈن تەخمىنەن 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىدىكەن

 .رۇمىنىيە زۇڭتۇڭى باسېسكۇ 28 – ماي  ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تىنچلىق كاتتا مەرىكىسى بولۇشى كېرەك، دېدى ھەمدە قۇراللىق تۇقۇنۇشىۋاتقان تەرەپلەرنى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە قۇراللىق تۇقۇنۇشنى توختىتىشقا مۇراجىئەت قىلدى.

      .ئىسرائىلىيىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، لېيبورستلار پارتىيىسىنىڭ رەئىسى باراك 28 – ماي ئولمېرتتىن زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى ياكى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

      .بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى جەمئىيىتى 28 – ماي ئافرىقىدىكى داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتىگە يەنىلا ئېرىشەلمىگەن بالىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ئافرىقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئافرىقا رايونىنىڭ داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش سىستېمىسىنى كۈچەيتىشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.

     .نورۋېگىيە خان جەمەتى پەنلەر ئاكادېمىيىسى 28 – ماي كاۋلى نانومېتىر ئىلمى مۇكاپاتىنى كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى خىمىيە فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى لوس برۇس بىلەن ياپونىيىلىك فىزىكا ئالىمى لىجىماغا بېرىشنى رەسمىي جاكارلىدى.

     ·ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مۇشۇ نۆۋەتلىك رەئىسى، تانزانىيە زۇڭتۇڭى جاكايا جىكوت 28 – ماي ياپونىيىنى ئافرىقىغا تېخىمۇ كەڭ كۆلەم ۋە تېخىمۇ تەڭپۇڭ ھالەتتە مەبلەغ سېلىشقا چاقىرغان.

     ·ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 28 – مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، مالايسىيا، سېنگاپور، ھىندۇنىزىيە قاتارلىق 3 دۆلەت يېقىندا ‹‹بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دېڭىز– ئوكيان قانۇنى ئەھدىنامىسى››غا ئاساسەن، مالاككا بوغۇزى ۋە سېنگاپور بوغۇزى توغرىسىدىكى ھەمكارلىق مېخانىزمىنى يولغا قويۇشقا باشلىغان.

      .نىپالنىڭ شۇ يەر ۋاقتى 28 –ماي كەچ سائەت 9 دا نىپال قانۇن تۈزۈش كېڭىشىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق يىغىنى كاتماندۇ خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە باشلاندى. 

 

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ