|
ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىزدىن ئەخمەت مۇھەممەت، ئابلىكىم نۇر خەۋىرى، فوتوسى: يېزا ئىگىلىك 3–شى مىللىي شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپى كېلىش ئالدىدا تۇرغان ‹‹ خەلقئارا زەھەر چەكلەش كۈنى›› پائالىيىتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ زەھەرلىك چېكىملىككە بولغان تونۇشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، قىممەتلىك ھاياتنى قەدىرلەپ ، زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش ئېڭىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ، 5 -ئاينىڭ 28-كۈنى 3-شى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا ئەترىتىنىڭ كادىر-ساقچىلىرىنى كەڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا ‹‹ ھاياتنى قەدىرلەپ ، زەھەرلىك چېكىملىكتىن يىراق تۇرۇش›› ،‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ زەھەر چەكلەش قانۇنى›› قاتارلىق مەزمۇنلاردىن لېكسىيە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا زەھەردىن يىراق تۇرۇش توغرىسىدىكى تەشۋىقات رەسىملىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ ، زەھەرنىڭ ھاياتقا بولغان زىيىنىنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن چۈشەندۈرۈپ ، ئۇلارنىڭ زەھەر ۋە ئۇنى چەكلەشكە بولغان تۇنۇشىنى ئۆستۈردى. ئىگىلىنىشىچە، بۇقېتىمقى پائالىيەتنىڭ دائىرىسى كەڭ، مەزمۇنى مول بولغان بولۇپ ، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلاردىن 950 كىشى قاتناشقان.

سۈرەتتە: خەلق ساقچىسى ئوقۇغۇچىلارغا لېكسىيە سۆزلىمەكتە

سۈرەتتە: خەلق ساقچىسى ئوقۇغۇچىلارغا زەھەر چەكلەش تەشۋىقات سۈرەتلىرىنى چۈشەندۈرمەكتە
|