|
2008 – يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان ئاياللار ۋالىبول كوماندىلىرى 25–ماي چەك تارتىپ گۇرۇپپىلارغا بۆلۈندى ، جۇڭگو ئاياللار كوماندىسى كۇبا ، ئامېرىكا ، ياپونىيە ، پولشا ، ۋېنېسۇئېلا كوماندىلىرى بىلەن بىرگە A گۇرۇپپىغا بۆلۈندى.
2008 – يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاياللار ۋالىبول مۇسابىقىسىگە جەمئىي 12 كوماندا قاتنىشىدۇ ، جۇڭگو كوماندىسى ساھىبخانا كوماندا بولۇش سۈپىتى بىلەن بىۋاستە مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنئىدى. بۇ قېتىمقى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈشتە جۇڭگو كوماندىسى بىلەن بىر گۇرۇپپىدىكى كۇبا كوماندىسىنى كۈچلۈك دېيىشكە بولىدۇ .
بۇ قېتىمقى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈشتە برازىلىيە ، ئىتالىيە ، روسىيە ، سېربىيە ، قازاقىستان ، ئالجىرىيە كوماندىلىرى B كوماندىغا بۆلۈندى . مۇسابىقىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈش ۋاقتى 10–ئىيۇن بېكىتىلىدۇ .
|