|
.مۇشۇ ئاينىڭ 26 – كۈنى، 11 – بەش يىللىق پىلاندىكى دۆلەت پەن – تېخنىكىدا تايانچ بولۇش پىلانىنىڭ بىرى بولغان‹‹شىنجاڭ چارۋىچىلىق رايونلىرىدا تېز تارقىتىلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش تېخنىكىسى تەتقىقات›› تۈرى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدا باشلاندى.
.ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېقىلغۇ گاز باشقۇرۇش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدە تەبىئى گاز ئىشلەت ئائىلە 600 مىڭغا يەتكەن.
.ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئالدىنقى تۆت ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى 5 مىليارد 533 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن 63.9 پىرسەنت ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە شەھەر، بازارلارنىڭ مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى 4 مىليارد 674 مىليون يۈەن بولۇپ، 78.3 پىرسەنت؛ دۆلەت ئىلكىدىكى ۋە دۆلەت پېيىنى كونتىرول قىلغان ئورۇنلارنىڭ مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى 3 مىليارد 790 مىليون يۈەن بولۇپ، 89.2 پىرسەنت؛ ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇشى سېلىنمىسى 784 مىليون يۈەن بولۇپ، 80.8 پىرسەنت ئاشقان.
.مۇشۇ ئاينىڭ 25 – كۈنى، جۇڭگو نېفىت، خېمىيە سانائېتى گورۇھى شىركىتى خەلقئارا ماي باھاسىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆرلەپ، دۆلەت ئىچىدە تەييار ماي باھاسىنى قاتتىق كونتىرول قىلىنغانلىقى سەۋەپلىك، نېفىت ئايرىش كەسپى بىر قەدەر زور دەرىجىدە زىيان تارتىپ، يەنە بىر قېتىم 12 مىليارد 300 مىليون يۈەن ياردەم پۇلغا ئېرىشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ 7 مىليارد 400 مىليون يۈەنى بۇ شىركەتنىڭ بىرىنچى پەسىلدىكى ياردەم پۇلى مالىيە كىرىمىگە ھىسابلىنىدىكەن. بۇ جۇڭگو نېفىت، خېمىيە سانائېتى گورۇھى شىركىتىنىڭ ئۇدا ئۈچ يىل ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشى، ھەمدە ئۈچ يىلدىن بۇيان ئېرىشكەن ياردەم ئەڭ كۆپ بولغان بىر قېتىملىقى ئىكەن. جۇڭگو نېفىت، خېمىيە سانائېتى گورۇھى شىركىتى 2005 – يىلى 10 مىليارد يۈەن، 2006 – يىلى 5 مىليارد يۈەن ياردەمگە ئېرىشكەن ئېدى.
.جۇڭگو تاشقى پىروۋوت سودا مەركىزىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 27 – ماي ،خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىش ئارىلىق باھاسى 6 يۈەن 9 مو 4 پۇڭ 3.2 لىدا مەلۇم قىلىنىپ، ئالدىنقى سودا كۈنىدىكىدىن 33 ئاساسىي نۇقتا تۆۋەنلىگەن. 27 – ماي ،بانكىلار ئارا تاشقى پىروۋوت بازىرىدا، بىر ئامېرىكا دوللىرى 6 يۈەن 9 مو 4 پۇڭ 3.2 لىغا، بىر ياۋرو 10 يۈەن 9 مو 6 پۇڭ 3 لىغا، 100 ياپونىيە يىنى 6 يۈەن 7 مو 1 پۇڭ 7 لىغا، بىر شياڭگاڭ پۇلى 8 مو 8 پۇڭ 10 لىغا، بىر ئەنگىلىيە فوند سىتىرلىڭى 13 يۈەن 7 مو 5 پۇڭ 6 لىغا ئايرىۋاشلاندى.
.مۇشۇ ئاينىڭ 26 – كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن پايچىكلار يىغىنىدا، جۇڭگو نېفىت خېمىيە سانائېتى گورۇھى شىركىتىنىڭ باش لىدىرى سۇ شۇلىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىركەتنىڭ نېفىت ئىمپورتىدا قايتۇرۇلغان باج ئارقىلىق تولۇقلانغان زىيىنى شىركەتنىڭ نېفىت ئايرىش زىيىنىنىڭ يېرىمىنى قاپلىيالمايدۇ. شىركەت نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان بېسىم بىر قەدەر زور. ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ يىل يازدا سەلەركە ۋە بىنزىن كەمچىل بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، جۇڭگو نېفىت، خېمىيە سانائېتى گورۇھى شىركىتى تەييار ماي ئىمپورتىنى ئاشۇرىدۇ.
.ئىگىلىنىشىچە، 6 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ، دۆلىتىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا دۇنيا بويىچە ئايرۇپىلان بېلىتىنى ۋاكالىتەن سېتىش ئاپپاراتلىرى قەغەز ئايرۇپىلان بېلىتى سېتىشنى ئومۇمىيۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرىدىكەن.
|