|
2005–يىلىدىن ھازىرغىچە گرۇزىيە–رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئاتالمىش ئۇرۇش خەتىرى سەۋەبىدىن مۇخبىرلار كۆپ قېتىم تبىلىسقا توپلاندى. 4–ئايدىن بۇيان گرۇزىيە –ئافخازىيە توقۇنۇش رايونىنىڭ ۋەزىيىتى ئىزچىل جىددىي بولدى ھەمدە بىر مەزگىل ئۇرۇش ترېۋوگاسى ياڭرىدى. ئامېرىكا، گېرمانىيە، فرانسىيە قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئوتتۇرا ۋە شەرقىي ياۋرۇپادىكى ئەزا دۆلەتلىرىمۇ پائال مۇرەسسە ئېلىپ باردى. ئەمما باكۇدىن تبىلىسى ۋە يېرېۋانغىچە مۇخبىر ئۇرۇش رەسمىي پارتىلايدۇ دەپ قارايدىغان بىرەر كىشىنى ئۇچىرتالمىدى. ئۇنداقتا بۇ بەئەينى راستقا ئوخشايدىغان ‹‹ئۇرۇش ئويۇنى››نىڭ كەينىگە زادى قانداق مەنا يوشۇرۇنغان؟
بۇ يىل 4–ئاينىڭ 20–كۈنى، گرۇزىيىنىڭ ئىسرائىلىيىدە ئىشلەنگەن بىر ئادەمسىز رازۋېتكا ئايروپىلانى گرۇزىيە –ئابخازىيە توقۇتۇش رايونىدىكى بىخەتەرلىك رايونىدا ئېتىپ چۈشۈرۈلدى، بۇنىڭ بىلەن گرۇزىيە كودور جىلغىسىغا بىر مىڭ 500 ئەسكەر ئەۋەتىپ، سۇخۇمىغا بولغان ھەربىي تەھدىت بېسىمىنى ئاشۇردى. موسكۋامۇ تۇنجى قېتىم قاتتىق پوزىتسىيە تۇتۇپ، توقۇنۇش رايونىغا ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم مىڭ كىشىلىك تىنچلىق ساقلاش قىسمى ئەۋەتتى. مۇشۇ ئاينىڭ 1–كۈنىدىن ھازىرغىچە، گرۇزىيە دۆلەت مۇداپىئە بىناسىنىڭ ئالدىدىكى چىراقلار تاڭ ئاتقىچە يېنىق تۇردى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىمۇ تبىلىسى بىلەن گرۇزىيە-ئافخازىيە چېگرىسى ئارىلىقىدا چېپىپ يۈردى، ۋەزىيەت بىر مەزگىل يامانلىشىپ ئۇرۇش پارتلاش گىرداۋىغا بېرىپ قالدى. مۇشۇ ئاينىڭ 21–كۈنى گرۇزىيىنىڭ پارلامېنت چوڭ سايلىمى ھارپىسىدىمۇ توقۇنۇش رايونىنىڭ ۋەزىيىتى يەنىلا جىددىي ھالەتتە بولۇپ، ئابخازىيە تەرەپ ئۆزلىرى ئېتىپ چۈشۈرگەن ئادەمسىز رازۋېتكا ئايروپىلانى سانىنىڭ 7 گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى، گرۇزىيىمۇ كودور جىلغىسىدىن قوشۇن چېكىندۈرۈش ئويىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈردى.
ئاۋاز بېرىش كۈنىدە، گرۇزىيە –ئافخازىيە ئىككى تەرەپ چېگرىدىكى زۇگچىچ رايونىدا توقۇنۇشتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە رۇسىيە تىنچلىق ساقلاش قىسمىنىڭ ئارلىشىشى بىلەن ۋەزىيەت ئاندىن كونترول قىلىندى.
گرۇزىيە –ئافخازىيە ئىككى تەرەپ توقۇتۇش ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيىلەشكىنىگە خېلى ئۇزاق ۋاقىت بولۇپ قالدى. 1994–يىلى موسكۋا كېلىشىمى ئىمزالانغاندىن كېيىن، گرۇزىيە –ئابخازىيە شۇنداقلا گرۇزىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمى يەنى جەنۇبىي ئوسسېت ئوتتۇرىسىدا ئۇششاك –چۈششەك جىدەل ئۈزۈلمەي ئاخىرى كىچىك دائىردىكى قوراللىق توقۇنۇشقا تەرەققىي قىلدى. 14 يىلدىن بۇيان، گرۇزىيىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا قاتنىشىش مۇساپىسىنىڭ باشلىنىشى ۋە ھەربىي كۈچىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، گرۇزىيىنىڭ ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئوسسېت ئوتتۇرسىدىكى توقۇنۇشنىڭ قېتىم سانى كۆپىيىشكە باشلىدى. زۇڭتۇڭ ساكاشۋىلىنىڭ ئېيتىشىچە، گرۇزىيىدە نۆۋەتتە 33 مىڭ كەسپىي ھەربىي، 100 مىڭ زاپاس ئەسكەر بار بولۇپ، ھازىرقى ھەربىي خامچوتى بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن. ئابخازىيە تەرەپنىڭ دائىمىي قوراللىق كۈچى 3 مىڭ ئادەمگە يەتكمىسىمۇ زور مىقداردا زاپاس ئەسكىرى بار ئىكەن.
ئەھۋالدىن خەۋىرى بار گرۇزىيە ئاخبارات ۋاستىسىدىكى بىر خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، تاشقى كاۋكازنىڭ سىياسىي لوگىكىسى: زېمىننى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە پەقەت قورال كۈچ ئىشلىتىش كېرەككەن؛ ئەمما توقۇنۇش رايونى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا بولسا قورال كۈچى ئىشلىتىشكە بولمايدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم ئامىل، رۇسىيە ھەربىي كۈچىنىڭ مەۋجۈتلىقىدىن ئىبارەت ئىكەن. نۆۋەتتە، رۇسىيە تىنچلىق ساقلاش قىسمى—توقۇنۇش رايونى ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئۇرۇش قىلىش دەرىجىسگە يېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىردىن –بىر ئەمەلىي توسۇش كۈچى ھېسابلىنىدىكەن. ئەمما گرۇزىيىنىڭ قارىشىچە، ھازىر بار بولغان تىنچلىق ساقلاش مېخانىزىمى يەنى بىرلەشمە نازارەت قىلىش كومىتېتى ئەمەلىيەتتە رۇسىيىنى يېتەكچى قىلغان بولۇپ گرۇزىيە بۇ كومىتېت رامكىسى ئىچىدە داۋاملىق خىزمەت قىلىشنى خالىمايدىكەن، ئۇنىڭ ئورنىنى گرۇزىيە - ئابخازىيە ساناكېۋى ھۆكۈمىتى، رۇسىيە ۋە جەنۇبىي ئوسسېت، ياۋروپا بىخەتەرلىك تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت مېخانىزىمنىڭ ئىگىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. يېقىندا بېريۇسېلدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى رۇسىيە مۇدىرىيەت يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان رۇسىيىنىڭ باش شتاب باشلىقى بالۇيېۋىسكى مۇنداق دېدى: رۇسىيە تىنچلىق ساقلاش قىسمىنى خەلقئارالاشتۇرۇش مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ، ئەمما ئالدىنقى شەرت گرۇزىيە بىلەن سۇخۇمى بۇ مەسىلىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىشى كېرەك. ئەمما ئافخازىيە دائىرلىرى گرۇزىيە دائىرلىرىنىڭ تەلىپىنى قەتئىي رەت قىلدى. بالۇيېۋىسكى يەنە رۇسىيە تىنچلىق ساقلاش قىسمىنىڭ توقۇنۇش رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا ئورنىنى ئىگىلىگىلى بولمايدىغان رولغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا رۇسىيىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچىرىمىغان ھالدا ئۆز چېگرىسىغا ھەربىي كۈچ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى روخسەت قىلىش تەكلىبىنى بەردى.
تبىلىسىنىڭ ئانالىزچىلىرى مۇنداق كۆرسەتتى: رۇسىيە ئىلگىرىكى يول قويۇش پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىپ، تىنچلىق ساقلاش قىسمىنىڭ سانىنى موسكۋا كېلىشىمىدىكى ئەڭ يۇقىرى چەك 3 مىڭ ئادەمگە يەتكۈزدى، ئاشكارە ئوتتۇرىغا قويغان سەۋەبى توقۇنۇش رايونىدىكى رۇسىيىلىكلەرنى قوغداش بولسىمۇ ئەمما ئەمەلىيەتتە مۇشۇنداق كۈچلۈك ھەرىكەت ئارقىلىق غەربلىكلەرگە، رۇسىيىنىڭلا جەنۇبىي كاۋكاز رايونى ئىشلىرىنى قارار قىلىش كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتمەكچى.
4–ئاينىڭ 14–كۈنى، رۇسىيە ئاخبارات ۋاستىسىدىن، كرېمل سارىيىنىڭ ئافخازىيە ۋە جەنۇبىي ئوسسېت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرماقچى بولغان خەۋىرى تارقالدى. 4–ئاينىڭ 16–كۈنى رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرىغا جەنۇبىي ئوسسېت ۋە ئافخازىيىنىڭ ئالاقىدار ئاپپاراتلىرى بىلەن ھۆكۈمەت تەرەپ مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئارقىلىق بۇ ئىككى رايوندىكى رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭ مەنپەئەتىنى كۈزىتىش ھوقۇقىنى بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئىككى رايوندىكى رۇسىيە پاسپورتىغا ئىگە پۇقرالارنىڭ نىسبىتى %80 تىن ئاشىدىكەن. رۇسىيە دۆلەت دۇماسى مۇستەقىل ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى زاتورىننىڭ قارىشىچە، غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئويلاشقاندا، رۇسىيە ھازىر ئافخازىيىنى ئېتىراپ قىلسا، ئىنتايىن خەۋىپكە تەۋەككۈل قىلغانلىق بولىدىكەن؛ ئەمما ئۇ، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش توغرا كەلسە بۈگۈن قىلىش كېرەك، چۈنكى ئەتە ئوخشاش قارار چىقىرىشنىڭ بەدىلى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ دېگەن. رۇسىيىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئامېرىكىنىڭ كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىغا قايتۇرغان جاۋابى ھېسابلىنىدۇ.
ھەربىي ئىشلار ۋە ئىقتىسادى نۇقتىدىن قارىغاندا، ئافخازىيە مەسىلىسىنى كوسوۋۇ نۇسخىسىغا تەقلىد قىلىپ ھەل قىلىش مۈمكىنچىلىكىنى يوق دېگىلى بولمايدۇ. كەلگۈسىنى ئويلاشقاندا، زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ‹‹ئافخازىيە ۋە جەنۇبىي ئوسسېت بىلەن بولغان مۇناسىۋەنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئاساسىي يۆنىلىش›› دېگەن بۇيرۇقىغا قارىتا، غەربتىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولدى، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ياۋروپا كومىتېتى، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر بەس–بەستە رۇسيىنى تىنچلىق ساقلاش رولىدىن چەتنەپ كەتتى دەپ ئەيىپلىدى.
توقۇنۇش رايونى مەسىلىسى گرۇزىيە –رۇسىيە مۇناسىۋىتى بولۇپلا قالماستىن يەنە رۇسىيە بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئوتتۇرىسىدىكى بىر سەرگۈز مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. رۇسىيە ئەمەلىي كۈچىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كېلىش ئارقا كۆرۈنۈشىدە، گرۇزىيىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىش مۇساپىسىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرىشى، توقۇنۇش رايونى ۋەزىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يامانلىشىشقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنداقلا يەنە ئۆز نۆۋىتىدە كوسوۋو نۇسخىسىدىكى دومىنو قارتىسى تەسىرىنىڭ جەنۇبىي كاۋكاز رايونىدا تېز سۈرئەتتە كۆرۈلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
|