باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
بان كىموننىڭ يىڭشيۇ بازىرىغا كېلىشتىكى سەۋەبى نېمە؟
2008- 05- 28 12:12 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     يېقىندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون ئېلىمىزدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى ئەڭ ئېغىر بولغان يىڭشيۇ بازىرىغا كېلىپ، بۇ جاينى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇنىڭ بۇ سەپىرىنىڭ ئەھمىيىتى زور، تەسىرى چوڭقۇر بولدى.

     بىرىنچىدىن، بان كىموننىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە رەھبەرلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشكە تېز ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىنكاس بىلدۈرگەنلىكى ھەمدە تەدبىر قوللانغانلىقىنى يۈكسەك ئېتىراپ قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بان كىمون ئەمەلىي ئەھۋاللارنى ئىگىلەش ئارقىلىق، غەيرىي ئەنئەنىۋى تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىر يۈرۈش قاراش ۋە تەدبىرلىرىنى خۇلاسىلەپ چىقىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نۇقتىسىدا تۇرۇپ، بۇ تەدبىرلەرنى كېڭەيتمەكچى بولدى. بۇ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىشتا قىممەتلىك ئۆرنەك بولالايدۇ.

     ئىككىنچىدىن، بان كىموننىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش مەزگىلىدە، جۇڭگو دىپلوماتىيىسىنىڭ ئېچىۋېتىشچانلىقى ۋە ئۆز ئىچىگە ئېلىشچانلىقىنى ھېس قىلماقچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بان كىمون مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگونىڭ چەتئەللەرنىڭ ياردىمى ۋە قۇتقۇزۇشىنى ئەڭ زور چەكتە قوبۇل قىلىشى، جۇڭگونىڭ ئىشىكنى ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ خىل يۈكسەكلىك خەلق ئاممىسىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقى ۋە يۈكسەك ئىشەنچىسىنى ئاساس قىلغان بولىدۇ.

     ئۈچىنچىدىن، كۆزدىن كەچۈرۈش ئارقىلىق، بان كىمون بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھازىرغىچە تەمىنلىگەن 8 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاساسىدا، يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ياردەم بىلەن تەمىنلەش كېرەكمۇ– يوق؟ دېگەن سۇئالغا جاۋاپ تاپماقچى بولدى.

     تۆتىنچىدىن، ھەممىدىن مۇھىمى شۇكى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئەڭ يۇقىرى مەمۇرىي ئەمەلدار بولۇش سۈپىتى بىلەن، خىزمەت ئىستىلى جەھەتتە مۇھىم ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى، يەنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئوشۇقچە قائىدە يۇسۇنلار ھەتتاكى سۆرەلمىلىكتىن مۇستەسنا بولدى.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ