|
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇشى ئۆزى ئارزۇ قىلغان ئالىي مەكتەپكە مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرەلىشىدە ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ. مۇنداقچە ئېيىتقاندا، ئارزۇنى ياخشى تولدۇرۇش ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئاساسىي بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئارزۇ تولدۇرۇشنى قىيىن دېسەك بەكلا قىيىن، ئاسان دېسەك بەكلا ئاسان. قىيىن دېگىنىمىز-ئارزۇ تولدۇرۇش جەھەتتە ھېچقانداق بىلىمىمىز ۋە ماھارىتىمىز بولماسلىق؛ ئاسان دېگىنىمىز-ئالىي مەكتەپ ئارزۇسىنى تولدۇرۇشتا پايدىلىنىشقا تېگىشلىك تەرتىپ ۋە ماھارەتنى تولۇق ئىگىلەپ، بۇنىڭدىكى سىرنى تونۇپ يېتىپ، ئاندىن ئارزۇ تولدۇرۇش، بۇ خۇشاللىنارلىق ئىش بولۇپ، ئويلاپ باقمىغان نەتىجىگە ئېرىشىپ قىلىشىمىز مۇمىكىن. ئارزۇ تولدۇرۇشتىن بۇرۇن، ئۆزىنى تونۇش - ئۆزىنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئېنىق مۆلچەرلەپ ، ئۆزىنىڭ كەسىپ نىشانىنىڭ قانداق ئىكەنلىكەنلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ ، ئارزۇسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك ؛ ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ چۈشىنىش – ئارزۇ قىلغان مەكتەپنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى، ئىلىمىي ئورنى، كەسىپ ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىستىقبالى ھەم كونكرېت ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتى قاتارلىقلار؛ ئومۇمىي ئەھۋالنى ئىگىلەش – دۆلەت، يەرلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلىرى قاتارلىقلارنى بىرمۇ بىر چوڭقۇر ئىگىلەش ۋە چۈشىنىش ئاساسىدا بىرىنچى ئارزۇسىنى بېكىتىش كېرەك. كەسىپ تاللاش: بۇ ئەڭ مۇھىم ھالقىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكى، قىزىقىشى، خاراكتېرى، قىممەت يۈزلىنىشى ۋە شۇ كەسىپتە ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى قاتارلىق تەرەپلەرنى ئەستايىدىل ئويلىشىش كېرەك ؛ مەكتەپ تاللىغاندا ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلغان ئاساستا ، نەتجىسىنى ئىمكانقەدەر ئىنچىكە ، توغرا مۆلچەرلەپ، ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىگە بىرلەشتۈرگەن ئاساستا ھۆكۈم چىقىرىش كېرەك. ئەڭ مۇھىمى ئۆزىنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن ئىقتىدارىغا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان كەسىپنى تاللاش كېرەك. قىزىقىش ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسىپ تاللىشىدىكى چىقىش نۇقتىسى، ئەمما ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى ئىسپاتلاپ بەردىكى، بۇ بىردىنبىر ئامىل بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. بىرىنچى، ئۆزى ئالدىن تاللىماقچى بولغان كەسىپ، پەنگە بولغان قىزىقىشىنىڭ چوڭقۇر ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك بولۇشىنى ئىنچىكە ئويلىغاندىن كېيىن تاللاش، ھەرگىزمۇ يۈزەكى ۋە ۋاقىتلىق ئەھۋاللارنى نەزەردە تۇتۇپ تاللىماسلىق كېرەك. چۈنكى 18 ياشتىن تۆۋەن قۇرامىغا يەتمىگەن ياشلار ئۈچۈن ئېيىتقاندا، قىزىقىشى ئاسانلا سىرتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئۆزگىرىشچان كېلىدۇ. ئىككىنچى، ئۆزى قىزىقىدىغان كەسىپ، پەننى دەرھال تاللاپ قويماسلىق، ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتە كونكرېت ئىقتىدار ھازىرلىغانمۇ - يوق، يەنى خاركتېرى، ئادىتى، ئالاھىدىلىكى، تەپەككۇر ئالاھىدىلىكى، كەسىپ ۋە قىممەت قارىشى، بەدەن ساپاسى قاتارلىق تەرەپلەر بىلەن قىزىقىشى ۋە كەلگۈسىدىكى ئۆزى تاللىغان كەسىپنىڭ ماسلىشىش دەرىجىسى قاتارلىقلارنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقى كېرەك. ئۈچىنچى، ھۆكۈم قىلىشتا، خاراكتېرىنىڭ ئىچكى يۈزلىنىشچانلىق ياكى تاشىقى يۈزلىنىشچانلىققا ۋە ياكى ھەر ئىككى شەرتنى تەڭ ھازىرلىغانلىقىغا قاراش كېرەك. ئادەتتىكى ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتى بويىچە بولغاندا، تاشقى يۈزلىنىشچانلىق خاراكتېرىدىكىلەرگە بىر قەدەر ماس كېلىدىغان كەسىپلەر: قانۇن، چەت ئەل تىلى، باشقۇرۇش، سېتىش، گۈزەل-سەنئەت قاتارلىقلار بولۇپ، بۇنىڭدا خىزمەت بىلەن ئادەم ياكى ئىجتىمائىي ئالاقە ئىشىلىرى بىر قەدەر كۆپ، بۇ كەسىپتە ئالاقە ئىشلىرىنى راۋانلاشتۇرۇش ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ؛ ئىچكى يۈزلىنىشچانلىق خاراكتېرىدىكىلەرگە بىر قەدەر ماس كېلىدىغان كەسىپلەر: تەتقىقات تۈرىدىكى، پەن-تېخنىكا تۈرىدىكى ۋە ماليىە تۈرىدىكى كەسىپ قاتارلىقلار. مەكتەپ تاللاش: چېڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىكى مەلۇم بىرەيلەن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپ ۋە كەسىپ تاللىغاندا، ئالدى بىلەن مەكتەپنى ياخشى تاللاش تەكلىپىنى بەرگەن. سەۋەبى تۆۋەندىكىچە: بىرىنچى، مەكتەپ باشقۇرۇش ئەمەلىي كۈچى بىر قەدەر يۇقىرى مەكتەپلەرنى تاللاش، بۇ ئۆزى تاللىغان كەسىپتە نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچ. ئادەتتىكىچە ئېيىتقاندا، ياخشى مەكتەپنىڭ ئەڭ مۇھىم تەرىپى پەن-تېخنىكا جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ، كەسىپ بىلەن كەسىپ ئوتتۇرىسىدا قوبۇل قىلىنىش سانىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى ساقلانغان بولسىمۇ، لېكىن كەسىپنىڭ ياخشى ياكى ناچارلىق ئۆلچىمىگە ھۆكۈم قىلىشتا شۇ بىر يىلدا قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار نومۇرىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشى بىلەن ئۆلچىمەسلىك كېرەك ، چۈنكى كەسىپ ئۆگىنىش ئوقۇغۇچىنىڭ بىر ئۆمۈر شوغۇللىنىدىغان كەسىپىي تەرەققىياتىغا مۇستەھكەم ئاساس سېلىش ئاساسىغا قۇرۇلغان بولۇپ ، كېيىنكى تەرەققىيات ئۇنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى بەلگىلەيدۇ. ئىككىنچى، مەكتەپ باشقۇرۇش ئەمەلىي كۈچى بىر قەدەر ئەمەلىي يۇقىرى مەكتەپلەر پەقەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسىپىي تەربىيىسىگە ئەھمىيەت بېرىپلا قالماستىن، بەلكى ئەڭ مۇھىمى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپا يېتىشتۈرۈشىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئالىي مەكتەپ باسقۇچى ئوقۇغۇچىلاردا كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشى شەكىللىنىدىغان مۇھىم باسقۇچ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىراقنى كۆزلەش نىشاننى تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، چېڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىغا تۈرلۈك پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بەرگەندىن سىرت، يەنە قاتتىق تەلەپ قويىدۇ. ئۈچىنچى، مەكتەپ باشقۇرۇش ئەمەلىي كۈچى بىر قەدەر يۇقىرى مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ باشتىن-ئاخىر تەرەققىي قىلىشىنى نۇرغۇن پايدىلىق پۇرسەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. ياخشى مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلار ھىمايە قىلىدىغان نۇرغۇن ئەسقاتىدىغان ئۇستاز ۋە دوست-بۇرادەرلىرى بولۇپ، ئۇلاردىن كەسىپىي بىلىملەرنى ئۆگىنىش بىلەن بىرگە، قانداق ئادەم بولۇشنى ئۆگىنىدۇ. بۇنداق ياخشى كەيپىيات ياشلاردا ئاسانلا ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى جارىي قىلدۇرۇشقا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ناھايىتى تېزلا يېتىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. بۇنداق ياخشى مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ ۋە جەمئىيەتتە داڭق چىقىرىپ، كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن ، بىر قەدەر يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىغا ئاساس سالىدۇ. ئەگەر راستىنلا داڭلىق مەكتەپلەرگە كىرىمەن دېگەندە، ئۆزى ياخشى كۆرۈدىغان كەسىپكە قوبۇل قىلىنالماسلىقى مۇمكىن، ئەڭ ياخشىسى ئۆزى ياخشى كۆرۈدىغان كەسىپكە يېقىن ياكى كەسىپ بىلەن مۇناسىۋىتى بار كەسىپلەرنى تاللاش كېرەك ، بۇ قەدەم ئارقىلىق تېخىمۇ ئۆرلەپ ئوقۇپ ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشنى قولغا كەلتۈرۈش قاتارلىق يوللار بىلەن كەسىپىنى يەنە ئۆزگەرتسە بولىدۇ. قانداق مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىش، قانداق كەسىپنى تاللاشتا-يەنىلا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چىقىش قىلىشى كېرەك، بۇ پەقەت مەسلىھەت، خالاس. ئاخىرىدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمەن.
ئەخمەت مۇھەممەت تەييارلىغان
|