باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
ئاقتۇدا دېھقان–چارۋىچى پەرزەنتلىرى‹‹قوشتىل››لىق يەسلىسىدە تەربىيىلەنمەكتە
2008- 05- 28 11:10 شىنجاڭ گېزىتى

     ئاقتۇ ناھىيىسى دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ‹‹قوش تىل››لىق بالىلار يەسلىسىدە تەربىيىلىنىش شارائىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، بۇلتۇر 4 – ئايدا  مەبلەغ ئاجرىتىپ، بارىن يېزىسىنىڭ قوغان كەنتىدە ناھىيە بويىچە تۇنجى ‹‹قوش تىل››لىق بالىلار يەسلىسى قۇرۇپ، دېھقان – چارۋىچى پەرزەنتىدىن 37 نى قوبۇل قىلىنغانىدى. ناھىيىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ داۋاملىق مەبلەغ ئاجرىتىشى، يېزا – بازارلىق ھۆكۈمەتلەرنىڭ كەم قىسمىنى چىقىرىشى ۋە جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن، بۇ يىل 5 – ئايغا قەدەر يېزا – بازار ۋە كەنتلەردە 19 ‹‹قوش تىل›› لىق بالىلار يەسلىسى قۇرۇلۇپ، يەسلىدىكى بالىلار 656گە يەتتى،  ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملارنى پۈتكۈزۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان 25 ياش بالىلار تەربىيىچىلىكىگە قوبۇل قىلىندى.
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ