|
روسىيىنىڭ يېڭى زۇڭتۇڭى مېدۋېدېۋ ۋەزىپىگە تەيىنلەش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ئۇ 12 – ماي پۇتىن زۇڭلىلىقىدىكى يېڭى نۆۋەتلىك روسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزالىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەندىن كېيىن، 13 – ماي يەنە ئىككى مۇھىم تارماقنىڭ ئەمەلدارى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ كاتىپى ۋە فېدېراتسىيە خەۋپسىزلىك باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنى جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردى. مېدۋېدېۋ ئۆز خىزمىتىگە ئالدىراش كىرىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە پۇتىن روسىيىدىكى ھوقۇقى ئەڭ چوڭ كىشى، دەپ قارالدى.
روسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا 13 – ماي ئەنگلىيە گېزىتلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: پۇتىن ھۆكۈمىتىدە ھەقىقەتەن بەزى يېڭى كىشىلەر بار، بىراق ‹‹مۇھىم ۋەزىپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئىلگىرى پۇتىننىڭ ئەتراپىدا ئىشلىگەنلەر››، ‹‹پۇتىن زۇڭلى بولسىمۇ، يەنىلا بۇ دۆلەتتىكى ھوقۇقى ئەڭ چوڭ كىشى››. خەۋەردە يەنە، روسىيىنىڭ كەلگۈسىدىكى سىياسەت يۈزلىنىشى يەنىلا پۇتىن ئىلگىرى بېكىتكەن سىياسەتكە ۋارىسلىق قىلىش بولىدۇ، كۆپ ئۆزگىرىش بولمايدۇ، دېيىلدى.
‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى›› دىن
|