باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى جۇڭگونىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتا مىللىي روھىنى نامايان قىلغانلىقىنى تەرىپلىدى
2008- 05- 28 11:00 شىنجاڭ گېزىتى

     چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى يېقىندا ئارقا – ئارقىدىن ماقالە ئېلان قىلىپ، جۇڭگو يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتا مىللىي روھىنى نامايان قىلدى، دەپ قارىدى.

     سىنگاپور ‹‹بىرلەشمە ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر ›› گېزىتىدە 20 – ماي ئېلان قىلىنغان ‹‹سىچۇەندىكى يەر تەۋرەش ۋە جۇڭگونىڭ مىللىي روھىنىڭ قايتا نامايان بولۇشى›› سەرلەۋھىلىك ماقالىدە: سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنچۇەن ناھىيىسىدىكى يەر تەۋرەش دۇنيانىڭ جۇڭگوغا بولغان دىققىتىنى قوزغىدى، جۇڭگومۇ دۇنيانى تەسىرلەندۈردى، دېيىلدى. ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلدى: دۇنيانى تەسىرلەندۈرگىنى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئاپەت ئالدىدا نامايان قىلغان مىللىي روھى، ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ياردەم بېرىش جەريانىدا كىشىلەرنىڭ يېزىپ قالدۇرغان ئادەمگە ئائىت ھېكايىلىرى. بۇ ھېكايىلەر غايەت زور ‹‹ئادەم›› خېتىنى شەكىللەندۈرمەكتە. مانا مۇشۇ ‹‹ئادەم›› خېتى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ روھىي يادروسىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئادەمنىڭ قىممىتىگە ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن، يەر تەۋرەشكە ئەڭ تېز ئىنكاس قايتۇردى. مەركەزدىكى مىنىستىرلىك، كومىتېتلاردىن تارتىپ خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى، ھەر دەرىجىلىك يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگىچە ئۆزلىرىنىڭ سەپەرۋەر قىلىش ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇردى.

     ‹‹بىرلەشمە ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر›› گېزىتىدە 21 – ماي يەنە بىر قانچە ماقالە ئېلان قىلىندى، ئۇلاردا جۇڭگونىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە پائال باھا بېرىلدى. ‹‹يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتا ھازىرقى جۇڭگونىڭ ئوبرازى نامايان بولدى››، دېگەن ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگونىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى تېز، تەرتىپلىك، ئېچىۋېتىلگەن ۋە كۈچلۈك ئىنسانپەرۋەرلىك روھى دۇنيادا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، ھازىرقى جۇڭگونىڭ ئوبرازى نامايان قىلىندى. ‹‹بىرلەشمە ئەتىگەنلىك  خەۋەرلەر›› گېزىتىدىكى يەنە بىر ماقالىدە ئوقۇغۇچىلارنى قوغداش ئۈچۈن قۇربان بولغان ئوقۇتقۇچىلار، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يىراق مۇساپىنى بېسىپ  كەلگەن ئازادلىق ئارمىيە كوماندىرجەڭچىلىرى، شۇنىڭدەك ئېمىتىۋاتقان بالىسىنى ئاتا – ئانىسىغا تاشلاپ بېرىپ، ئاپەت رايونىدىكى بوۋاقنى ئېمىتكەن ساقچى تەرىپلەندى. ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: ئېغىر ئاپەتتە چوڭقۇر مېھىر – مۇھەببەت نامايان بولدى. ۋېنچۇەندە يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، بۇ سۆز خەنزۇچە يېزىقتىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كۆپ كۆرۈلدى. يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جەريانىدا كىشىلەرنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدىغان ھېكايىلەر يەنە خېلى كۆپ بولۇپ، ھەممىلا يەردە ئىنسان تەبىئىيىتىنىڭ شانلىق نۇرى گەۋدىلەندى!

     ئىسپانىيە ‹‹دۇنيا›› گېزىتىدە 19 – ماي ‹‹بەربات بولمايدىغان مىللەت›› دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىنىپ، جۇڭگونىڭ دۆلەتنى سەپەرۋەر قىلىش ئىقتىدارى، جەسۇرانە ئىلگىرىلەش ئىرادىسى  ۋە ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىش روھى تەرىپلەندى. ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: قېرىنداشلىرىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن پىدائىيلار، جەڭچىلەر ۋە قۇتقۇزغۇچى خادىملار ئىگىلمەس – سۇنماس روھ بىلەن بىر ھەپتىدىن بۇيان ۋېنچۇەندىكى  يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇشنىڭ  بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلماقتا. دۆلەت مۈشكۈل ئەھۋالدا تۇرغان پەيتتە، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەھبەرلىرى خەلققە ئۈلگە بولدى. ئۇلار يەر تەۋرىگەندىن كېيىن يۇقىرى ئۈنۈم ۋە سەمىمىي ھېسداشلىقىنى ئىپادىلىدى. گۇمانلىنىش ھاجەتسىزكى، بۇ مىللەت ئىپادىلىگەن روھ ۋە كۈچ بۇ مىللەتنى ئىلگىرىلەش يولىدا يىمىرىلمەس ئىرادىگە ئىگە قىلىدۇ.

     ئەنگلىيە ‹‹مۇستەقىللىق›› گېزىتىنىڭ 19 – مايدىكى خەۋىرىدە: جۇڭگو ئارمىيىسى ھايات قالغۇچىلارنى قۇتقۇزغانلىقى ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ياردەم بەرگەنلىكىدىن ئاممىنىڭ مەدھىيىلىشىگە ئېرىشتى. بۇ قوشۇن جۇڭگودا ناھايىتى قارشى ئېلىنىدۇ، بۇ قوشۇننىڭ قۇتقۇزۇش جەھەتتە ئوينىغان مۇھىم رولى ئۇنىڭ ئورنىنى تېخىمۇ ئۆستۈرىدۇ، دېيىلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ