باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
ئامېرىكىنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى تەجرىبىسى ۋە ساۋىقى
2008- 05- 28 10:59 شىنجاڭ گېزىتى

     ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتى دۇنيادىكى كۆپ يەر تەۋرەيدىغان رايونلارنىڭ بىرى، غەربىي دېڭىز قىرغىقىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر  لوس – ئانژېلىس ئامېرىكىدىكى ئىككىنچى چوڭ شەھەر بولۇپ، يەر شارىدىكى تىنچ ئوكياننى ئوراپ تۇرغان ئەڭ ھەرىكەتچان يەر تەۋرەش بەلبېغىغا جايلاشقان، يەر تەۋرەشكە قانداق تاقابىل تۇرۇش  ئامېرىكا قوشما شتاتى ۋە كالىفورنىيە يەرلىك ھۆكۈمىتى ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىدىغان تېما بولۇپ قالغان. بۇنىڭدىن ئۇلار بەزى تەجرىبە – ساۋاقلارغىمۇ ئىگە بولغان. لوس – ئانژېلىسنىڭ 20 مىڭ مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى يەر ئاستىدا ئۈزۈلمە قاتلام بار. يەر تەۋرەشنى تەتقىق قىلىدىغان ئالىملار لوس – ئانژېلىستا بىر – ئىككى ئەۋلادقىچە سەككىز بال يەر تەۋرەش ئېھتىماللىقى ناھايىتى زور، دەپ مۆلچەرلىگەن. يېنىك يەر تەۋرەش پات – پات يۈز بېرىدىغانلىقتىن ۋە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان كۈچلۈك يەر تەۋرەش تەھدىتى تۈپەيلىدىن، ئامېرىكا ۋە كالىفورنىيىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى تۈزگەن بەزى بەلگىلىمىلەر، شۇ جايلاردىكى مۇكەممەل ئۇل مۇئەسسەسىلەر ۋە ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش تەربىيىسى ئامېرىكىنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ يادرولۇق ئۈستۈنلۈكى بولۇپ قالغان.

     كالىفورنىيە شتاتىنىڭ يەرلىك بىناكارلىق – قۇرۇلۇش نىزامىدا ئۆيلەرنىڭ قۇرۇلۇش لايىھىسى يەر تەۋرەشكە چىداملىق بولۇش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى، پۇقرالارنىڭ شەھەر سىرتىدىكى ئۆيلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى بىر قەۋەت ياكى ئىككى قەۋەتلىك ياغاچ قۇرۇلمىلىق بولۇشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. بۇنداق بولغاندا، كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندە ئۆيلەرنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈش خەۋپىنى، كىشىلەرنىڭ ئۆلۈش، يارىلىنىش نىسبىتىنى ئازايتقىلى بولىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، كالىفورنىيىدە تاشيول ھەممىلا يەرگە تۇتاشقان بولۇپ، يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قىسقا ۋاقىتتىلا قانات يايدۇرغىلى بولىدىكەن. بۇ ئۈستۈنلۈكلەر 1994 –  يىلى لوس – ئانژېلىسنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايوندا يەر تەۋرىگەندە نامايان بولغان.

     يەر تەۋرەشنى ئالدىن مۆلچەرلەش يەنىلا دۇنياۋى قىيىن مەسىلە، شۇڭا يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئاساسىي ھالقىسى بولۇپ قالدى. ئامېرىكا گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى ۋە مائارىپ تارماقلىرى كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئاممىغا ۋە ئوقۇغۇچىلارغا يەر تەۋرەش بىلىملىرىنى ئۆگىتىپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئۆزىنى قوغداش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇردى. مەسىلەن: كالىفورنىيە شتاتىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلاردىن ھەر ئوقۇش مەۋسۇمى باشلانغاندا، يەر تەۋرەشكە جىددىي تاقابىل تۇرۇش سومكىسىنى مەكتەپنىڭ بىر تۇتاش باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. بۇ سومكىدا زۆرۈر دورا، ئوزۇق، ئاتا –  ئانىسى ھەم سىرتتىكى ئورۇق – تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش  ئۇسۇلى قاتارلىقلار بولىدىكەن.

     ئامېرىكىنىڭ بەزى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىسى ۋە ئۈستۈنلۈكلىرى بولسىمۇ، ئەمما يەر تەۋرەش ئاپىتىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇشتا بەزى ساۋاقلىرى ۋە يېتەرسىز تەرەپلىرىمۇ بار.

     1994 – يىلى لوس – ئانژېلىسنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايوندا 6.7 بال يەر تەۋرىگەن، شۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە جەمئىي 11 دوختۇرخانا ئوخشىمىغان دەرىجىدە زىيانغا ئۇچراپ، ئىشلىتىشكە بولمىغان، بۇ دوختۇرخانىلار يەر تەۋرەشتە يارىلانغانلارنى داۋالىيالمايلا قالماي، ئەكسىچە بۇ دوختۇرخانىلاردىكى كېسەللەرنى باشقا دوختۇرخانىلارغا تارقاقلاشتۇرۇشقا توغرا كەلگەن، بۇنىڭ بىلەن يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى داۋالاش مۇلازىمىتىنى ئۈستىگە ئالغان ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلارنىڭ يۈكى ئېغىرلىشىپ كەتكەن. كالىفورنىيە شتاتىنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگىنى بۇنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتىن كېيىن قانۇن چىقىرىپ، كالىفورنىيە شتاتىدىكى بارلىق دوختۇرخانىلاردىن ئېغىر كېسەللەر كېسەلخانىسى ۋە جىددىي داۋالاش بۆلۈمىنى يەر تەۋرەشكە چىداملىق قۇرۇلۇشلارغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

     ئاپەت رايونىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىمۇ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە. كالىفورنىيە شتاتىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايوندا يەر تەۋرەپ، بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن ئاپەت رايونى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا كەم ئۇچرايدىغان سپۇرا باكتېرىيىسى كېسىلى كۆرۈلگەن، ھاۋادىكى سپۇرا باكتېرىيىسىنى سۈمۈرۈشتىن كېلىپ چىققان بۇ خىل نەپەس يولى كېسەللىكىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى يەر تەۋرىگەندىن كېيىنكى سەككىز ھەپتىدە ئۆرلەپ كەتكەن ۋە نۇرغۇن كىشى قازا قىلغان. مۇتەخەسسىسلەر: بۇنى يەر تەۋرىگەندە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ، ھاۋادا نۇرغۇن سپۇرا باكتېرىيىسى پەيدا بولغانلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان، كۆپ ساندىكى كېسەل تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن جايدىكى تەتۈر شامال رايونىدا كۆرۈلگەن، ئالاقىدار تارماقلار ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتا بۇ خىل يۇقۇملۇق كېسەللىككە دېگەندەك ئېتىبار بەرمىگەنلىكتىن، بۇ كېسەلنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ئۆرلەپ كەتكەن، دەپ قارىغان.

     ئامېرىكا ئاپەتتىن كېيىنكى قۇتقۇزۇشنى تەبىئىي ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش سىستېمىسىغا كىرگۈزگەن. بۇ سىستېما قوشما شتات، شتات ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتتىن ئىبارەت ئۈچ قاتلامدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، يېتەرسىز يېرى ناھايىتى روشەن: ئۇنىڭدا تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش تەكىتلەنگەن، يەنى تەبىئىي ئاپەت يۈز بەرگەندە ئالدى بىلەن يەرلىك ھۆكۈمەت تاقابىل تۇرۇش لايىھىسى تۈزىدۇ، زىياننىڭ كۆلىمى ۋە دائىرىسى قانچە زور بولسۇن قۇتقۇزۇشقا قوماندانلىق قىلىش ۋە تەدبىر بەلگىلەش خىزمىتىگە شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى مەسئۇل بولىدۇ، شتات ياكى قوشما شتات ئەمەلدارلىرى قوشۇمچە رول ئوينايدۇ. زۇڭتۇڭمۇ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىدە سىمۋول خاراكتېرىدە مەدەت بېرىش رولىنىلا ئوينايدۇ. بۇنىڭدا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بايلىقىنى تەقسىملەش ۋە خىزمەت ئۈنۈمىگە ئىنتايىن زور دەرىجىدە تەسىر يېتىدۇ، مۇبادا نامرات ۋە ئاپەتكە يېتەرلىك تەييارلىق قىلىنمىغان جايلاردا تەبىئىي ئاپەت يۈز بەرسە بۇ خىل تۈزۈلمە قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا توسالغۇ بولۇپ قېلىپ، ئاپەت ئەھۋالىنىڭ دائىرىسى كېڭىيىپ كېتىدۇ. 2005 – يىلى ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىدا يۈز بەرگەن ‹‹كاتېرىنا›› قويۇنىنىڭ زىيىنى بۇنىڭ روشەن مىسالى بولالايدۇ.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى  

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ