|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 26 – ماي تېلېگراممىسى. مائارىپ مىنىستىرلىكى 26 – ماي ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، ئاپەت رايونلىرىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىدىكى ساننى كۆپەيتىدىغانلىقىنى، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتا ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان ئوقۇغۇچىلارنى ئىمتىھان ئالماسلىق، نومۇر قوشۇپ بېرىش قاتارلىق ئالاھىدە ئېتىبارئۇسۇلى بىلەن قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ھازىر، يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان سىچۇەن ۋە گەنسۇ قاتارلىق ئۆلكىلەردىكى قىسمەن شەھەر، ئوبلاست، ناھىيىلەر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ۋاقتىنى كېچىكتۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مائارىپ مىنىستىرلىكى ستۇدېنتلار مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جياڭ گاڭ ئالاقىدار ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش چارىسىنىڭ ماس تەڭشىلىدىغانلىقىنى، مەسىلەن، سىچۇەندە ئايرىم تۈرگە ئايرىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى ئايرىم تەشكىللەيدىغانلىقىنى، مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ سىچۇەندىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىدىكى ساننى كۆپەيتىش ئۈچۈن، ئالاقىدار مەكتەپلەر بىلەن ئاكتىپ ماسلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:‹‹ ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ئاپەت رايونلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغان ساننى زادى قانچىلىك كۆپەيتىش مۇرەككەپرەك مەسىلە. ھازىر سىچۇەندىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپ 1400گە يېتىدۇ، بۇ ئىنتايىن كۆپ سان. مائارىپ مىنىستىرلىكى ئۈچ خىزمەت گۇرۇپپىسىنى ئاپەت رايونلىرىغا بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلىشقا ئەۋەتتى.››
ئىگىلىنىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىكى ھەرتەرەپتىكى كۈچنى تەشكىللەپ، ئاپەتكە ئېغىردەرىجىدە ئۇچرىغان رايونلاردىكى بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش شارائىتى جەھەتتە ئالاقىدار مەكتەپلەرگە يۆتكەپ ياكى قۇراشتۇرما ئۆي ۋە باشقا بىخەتەر سورۇنلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىشقا تەشكىللەيدىكەن.
|